مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا تارىختىن بۇرۇنقى ئېگىز سۇپىلىق خارابىدىن سۆڭەكتىن ياسالغان مۇز تېيىلىش ئايىغى قېزىۋېلىندى

2023.02.27 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 2022-يىللىق شىنجاڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ نىلقا جەرەنتاي جىلغا ئېغىزىدىكى خارابىنىڭ ئېگىز سۇپىسىدىن ياغاچ ھارۋا چاقى ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇرۇپپا دېتاللىرىدىن 40 نەچچىسى قېزىۋېلىنغان، بۇ بايقاش دۆلەت ئىچىدە ھازىرغا قەدەر دەۋرى ئەڭ بۇرۇن، سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ياغاچ ھارۋا چاقى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خارابىلىكتىن قېزىۋېلىنغان سۆڭەكتىن ياسالغان مۇز تېيىلىش ئايىغىمۇ دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم بايقىلىشىكەن.

  جەرەنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى خارابە رايونى ۋە ئېگىز سۇپىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى نىلقا ناھىيەسى كۆكخوتقور موڭغۇل يېزىسى چالغىر كەنتىگە جايلاشقان. ئېگىز سۇپا جەرەنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، شىمال تەرىپىنىڭ تۇرالغۇ رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 1000 مېتىر كېلىدۇ، تاغ ۋە سۇ بويىغا جايلاشقان، ئېگىز سۇپا گەۋدىسى 120 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تاش قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، تۆت ئەتراپىغا تاش تاختا بىلەن قورشاۋ تام قوپۇرۇلغان.

  2019-يىلدىن 2022-يىلغىچە، ئارخېئولوگلار ئېگىز سۇپىدا ساقلىنىپ قالغان قىسمەن ھەم مەركىزىي قەبرىلەرنى تازىلاش، ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھازىر شىنجاڭ ھەتتا ياۋروپا-ئاسىيا يايلىقىدا بايقالغان برونزا دەۋرىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېگىز، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تاش قۇرۇلمىلىق قەبرە قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى بېكىتتى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئېگىز سۇپىلىق خارابىنىڭ يىل دەۋرى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 16-ئەسىردىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 15-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرگە تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

  نىلقا ناھىيەسى جەرەنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ يېتەكچىسى رۈەن چيۇرۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ياغاچ ھارۋا دېتاللىرى ئېگىز سۇپىلىق خارابىلىكنىڭ شەرقىي شىمالىدىن بايقالغان بولۇپ، 40 نەچچە گۇرۇپپا ياغاچ ھارۋا دېتاللىرى ئىچىدە، ئويما ياغاچ چاق 11 دىن، ھارۋا شوتىسى، ھارۋا ئوقى، ھارۋا ساندۇقى قاتارلىق ياغاچ دېتاللار 30 دىن ئاشىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ھارۋىنى ئېگىز سۇپىلىق قەبرىنى ياساش جەريانىدا ئىشلىتىلىپ، كېيىن چۇۋۇپ ئېلىنىپ بىر يەرگە يېغىپ كۆمۈپ قويغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ھۆكۈم قىلدۇق، يىلنى ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا ھارۋا دەۋرىنىڭ بۇنىڭدىن 3500 يىل ئىلگىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

  ئېگىز سۇپىدىن قېزىۋېلىنغان ياغاچ ھارۋا جۇڭگونىڭ ھارۋا تارىخىدىكى مۇھىم بايقاش بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھارۋا ئىشلىتىش ۋە شەرق بىلەن غەربنىڭ تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى تەتقىق قىلىشنى مۇھىم ماددىي بۇيۇم بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خارابىلىكتىن قېزىۋېلىنغان سۆڭەك مۇز تېيىلىش ئايىغىمۇ دۆلىتىمىزدە تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇز تېيىلىش ئايىغىنىڭ كالا سۆڭىكى ۋە ئات سۆڭىكىدىن ياسالغانلىقى، شەكلىنىڭ ياۋروپانىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى سۆڭەك مۇز تېيىلىش ئايىغى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىدىغانلىقى بايقالدى. بۇ برونزا دەۋرىدىكى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىنى يېڭى ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا جۇڭگودا مۇز تېيىلىشنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەتقىق قىلىشتىكى تېپىلغۇسىز ئەمەلىي ماتېرىيال.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار يەنە ئېگىز سۇپىدا ساقلىنىپ قالغان مەركىزىي قەبرە قاتارلىق مۇھىم خارابىلەرنى قېزىپ ئېنىقلاپ، 500 دىن ئارتۇق ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ چىقتى، بۇلار ئاساسلىقى ساپال پارچىلىرى، تاش قوراللار، ھايۋان سۆڭەكلىرى، ئاز مىقداردىكى مىس قورال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  رۈەن چيۇرۇڭ مۇنداق قارىدى: تۆت يىللىق قېزىش ئارقىلىق ئېگىز سۇپىلىق خارابىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك چوڭ تىپلىق قەبرە ئىكەنلىكىنى، بەلكىم خان قەبرىستانلىقى دەرىجىسىدىكى دەسلەپكى چارۋىچىلىق توپىنىڭ قەبرىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ياۋروپا-ئاسىيا يايلىقىدىكى برونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى قەبرىلەرنىڭ شەكلى، دەپنە ئېڭى، جەمئىيەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ