مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023.02.23 22:45 مەنبە: تىيانشان تورى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە كومىتېتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە كومىتېتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ھەم خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە كەسپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆتكەن بەش يىللىق مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە كومىتېتى خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، 2023 ـ يىللىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، شىنجاڭ بويىچە ھەمتۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاشقا، ھەممىسىگە خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، «كىچىك دائىرىلىك» نىزام چىقىرىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، توغرا نازارەت قىلىش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «تۆت ئورگان» تەلىپى بويىچە، ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مائارىپ ـ پەن ـ مەدەنىيەت ـ سەھىيە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىن سىنلىق شەكىلدە ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى(ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى)غىچە ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ