خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت ئورگىنى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ-سېتىش دېلوسىنى سوت ئېچىپ قاراپ چىقىپ، جاۋابكار ۋاڭ فامىلىلىكنى دۆلەت ئورگىنى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ھەم جەرىمانە قويدى.
2021-يىلىدىن باشلاپ، جاۋابكار ۋاڭ فامىلىلىك تور ئارقىلىق ھەر بىرىنى 120 يۈەن باھادا ساختا ئامانلىق ساقلىغۇچىلىق كىنىشكىسىدىن 10نى سېتىۋالغان ھەمدە ئۈندىدار ئارقىلىق باشقىلارغا «تەربىيەلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىمتىھان بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق، تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ پەقەت پۇل تاپشۇرسىلا، ھەقىقىي ئامانلىق ساقلاش خادىمى گۇۋاھنامىسى ئالغىلى بولىدۇ!» دېگەندەك ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان. بۇنداق «قولايلىق» ياخشى ئىش ئالدىدا، بەزىلەر تەۋرىنىپ قالغان. ئىككى يىل ئىچىدە ۋاڭ فامىلىلىك ئارقا-ئارقىدىن بەش كىشىنىڭ بېجىرىش ھاۋالىسىنى قۇبۇل قىلىپ، 6000 يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالغان.
مىچۈەن-كۆكتاغ رايونلۇق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار ۋاڭ فامىلىلىك قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئورگىنى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ-سېتىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولۇپ، دۆلەت ئورگىنى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. جاۋابكار ۋاڭ فامىلىلىك ئۆزىنىڭ جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەمدە جازانى قوبۇل قىلىشنى خالىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ۋاڭ فامىلىلىكنى دۆلەت ئورگىنى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى ھەمدە 3000 يۈەن جەرىمانە قويدى، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قايتۇرۇۋېلىندى.
سودىيە مۇنداق دەيدۇ
دۆلەت ئورگىنى ياسىغان ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامە، تامغا قاتارلىقلار ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى مەلۇم ساھە، مەلۇم جەھەتتە باشقۇرۇش پائالىيىتىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم ئىسپاتى ۋە ۋاسىتىسى. دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت ئالاقىسى، گۇۋاھنامە، تامغىنى ياساش، ئۆزگەرتىش، ئېلىپ- سېتىش قىلمىشلىرى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسى قانۇن ئۆگىنىشى، قانۇننى بىلىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى، ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، ئىشنى ئازايتىپ، كىچىككىنە پايدىنى كۆزلەپ، ئالدامچى ئۇنسۇرلارغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ