مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

50 مىليارد يۈەن قەرز مەبلىغى شىنجاڭنىڭ يېڭى يىللىق پاختا سېتىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

2022.09.19 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر، شىنجاڭدىكى كېۋەزلىكلەردە پاختىلار ئېچىلىپ، يىغىۋېلىنىپ سېتىۋېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقۇم مۇداپىيە – تىزگىن ئەھۋالى ۋە پاختا بازىرى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىناق ئالدىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بالدۇر بولۇش، ئەمەلىي بولۇش، ياخشى بولۇش»نى چىڭ تۇتۇپ ، يېڭى يىللىق پاختا سېتىۋېلىش كىرېدىت خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، 50 مىليارد يۈەن پاختا سېتىۋېلىش قەرز مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن يېتەرلىك تەييارلاپ، يېڭى پاختا سېتىۋېلىشنىڭ بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق، تەرتىپلىك، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  مەۋقە«بالدۇر بولۇش» قا قويۇلۇپ، ئالدىن پىلانلاندى. بۇ يىللىق پاختا سېتىش بازىرىنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا قارىتا، بۇ بانكا ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ئاي بۇرۇن يېڭى يىللىق پاختا سېتىۋېلىش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئەمەلىي بولۇش» نى چىڭ تۇتۇپ، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاختا كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى پائال ھەل قىلدى. كارخانىلارنىڭ مەبلىغىنىڭ يېتىشمەسلىك، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بۇ بانكا «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت بولۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كىرېدىت سىياسىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال كېپىللىك نىسبىتى، ئۆسۈم نىسبىتى قاتارلىق جەھەتلەردە كارخانىلارغا ئېتىبار بېرىپ مايىللىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پاختىلارنى «سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش،سېتىۋالىدىغانغا پۇل بولۇش» نى ئىلگىرى سۈردى.

  «ياخشى بولۇش»نى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇدى. بۇ بانكا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە ئەقلىي يۈرۈشتۈرۈشنى بىرىكتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پاختا كىرېدىتى سىياسىتىنى ئىلمىي تۈزۈپ، قەرز پۇل تەڭشەش نىسبىتى تۈپ سانى ۋە خەۋپ - خەتەر لىنىيەسى «قوش لىنىيە» ئۆلچىمىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق كارخانىلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك پاختا سېتىۋېلىشقا يېتەكلەپ، پاختا سۈپىتىنىڭ ياخشى، پاختا باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىيەلىنىش-تىزگىنلەش بىلەن پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.




كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ