خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ كورلا شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ شەھەرنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ سۇڭبو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، كورلا شەھىرى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى قاتتىق، چىڭ تۇتۇپ، بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنىڭ قېلىپلىق يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدامچىلىق بىلەن پايدا ئېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى.
ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كورلا شەھىرى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى بازار باھاسى ھەرىكىتى ئەسكەرتمىسى»نى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، تىجارەتچىلەرگە ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇش ئېلىپ بارغان، «يۇقۇم مەزگىلىدە مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىشتا بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك»لىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئىستېمال ئەسكەرتمىسى چىقارغان. يېزا-بازار، مەھەللىلەردە كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىش باھاسى ۋە سۈپەت ئۆلچىمى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلغان. شەھەر ئاھالىلىرى ئەگەر ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچراش مەسىلىسى بولسا، 12315 ئىستېمالچىلار ئەرز-شىكايەت قىزىق لىنىيەسى ياكى كورلا شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى باشلىقىنىڭ قىزىق لىنىيەسى 0996-2039315 غا تېلېفون قىلسا بولىدىغانلىقى، يەنە 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ياكى «لىمابەن» ئەرز قىلىش قىزىق لىنىيەسى 0996-2211365 گە تېلېفون قىلسا بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
ياڭ سۇڭبو مۇنداق دېدى: يېقىندا شەھەر ئاھالىلىرى مەركەزلىك ئىنكاس قىلغان كۆكتات باھاسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش ئەھۋالىغا قارىتا، تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بارلىقى ئېنىقلاندى: بىرىنچى، ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ناچار سودىگەرلەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باھا ئۆستۈرۈش قىلمىشى مەۋجۇت. ئىككىنچى، يۇقۇمدا قاتناشنى ئىدارە قىلىش سەۋەبىدىن، كۆكتات توشۇش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرىدى. قىسمەن كۆكتاتلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى پەسىل ئالماشقانلىقتىن تۆۋەنلەپ كەتتى، كۆكتات مەنبەسىنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. ئادەم كۈچى ياللاش قىيىن بولۇش، قاچىلاش-چۈشۈرۈش ھەققى، ئۇلاپ توشۇش ھەققىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈنۈگۈن كەچتىن بۈگۈن سائەت 19 غىچە، 22 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خالتىلىق كۆكتات ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلدى، ئېشىپ قالغان خالتىلىق كۆكتاتمۇ تېزدىن يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز ئايرىم ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋالغان خالتىلىق كۆكتاتنىڭ ھۆكۈمەت تارقاتقان ھەقسىز خالتىلىق كۆكتات ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدۇق. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئىشنىڭ ئايرىم ئاھالىلەرنىڭ بۇ ئىككى كۈندە يېتەرلىك كۆكتات سېتىۋالغانلىقىنى، شۇڭا ھەقسىز كۆكتاتلارنى باشقا ئاھالىلەرگە سېتىپ بەرگەنلىكى، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. كورلا شەھىرى «ھەقسىز خالتىلىق كۆكتاتنى سېتىش-سېتىۋېلىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، ھەقسىز خالتىلىق كۆكتاتنى سېتىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىدى، ئەگەر ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە يېتەرلىك كۆكتات بولسا، كۆكتاتلارنى باشقا ئاھالىلەرگە سوۋغا قىلسا ياكى كۆكتاتلارنى مەھەللىنىڭ قايتا تەقسىم قىلىشىغا قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ