مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوغلاق تارتىشىش — باتۇرلارنىڭ بىر مەيدان ھەرىكىتى

2022.09.15 20:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوغلاق تارتىشىش تۈرى باشلاندى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ماھىرلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە سانىنى تالاشتى. ئوغلاق تارتىشىش 2008-يىلى 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلئارا تەنتەربىيە تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بايرام ياكى ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى كۈچلۈكلۈك، باتۇرلۇقنى نامايان قىلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قاتناشقان ماھىرلار باتۇر، قەيسەر، تەمكىن، زېرەك بولۇشتەك خىسلەتنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. ئوغلاق تارتىشىش تۈرىگە قاتناشقان ماھىرلار ھەم كۈچلۈك، ھەم ئات مىنىش تېخنىكىسى ياخشى بولۇشى كېرەك. ئوغلاقنى باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماھىر ئات چاپتۇرغاندا قارشى تەرەپنىڭ ئېتىنىڭ قايسى تەرەپتىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوغلاقنى يەنە بىر تەرەپكە ئېلىپ چىقىدۇ، ھەرىكەت كەسكىن بولۇشى، كاللىسىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ