9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ جيەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ۋەزىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
9- ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 0 دىن 21 گىچە، شىنجاڭدا يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن بىر كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى. يەرلىك ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن 17 سى كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تيانشان رايونىدا 6 سى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 6 سى، بايىنغولىن ئوبلاستى كورلا شەھىرىدە 5 ى بار.
يەرلىك ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 5 ى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى؛ يەرلىك ئالامىتسىز يۇقۇملانغۇچىدىن 21 گە ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى. 9-ئاينىڭ 13 - كۈنى سائەت 21گىچە، شىنجاڭدا يەرلىك ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 13 كە، يەرلىك كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 444 كە يەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ