«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» گە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى ئۆستۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىش، ھاۋا مۇداپىئە سىگنال ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2022-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 12 دىن 00 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى) ئۆتكەندە ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردە بىر تۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىشنى قارار قىلدى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلىمىز:
1. ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىش ۋاقتى
2022-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12 دىن تارتىپ 12 دىن 19 مىنۇت ئۆتكىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)
2.ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىلىدىغان تۈرلەر
ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى: 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختاپ، تەكرار ئۈچ قېتىم بېرىلىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛
ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختاپ، تەكرار 15 قېتىم بېرىلىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت) ؛
سىگنالنى بىكار قىلىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت سايرايدۇ. ھەر بىر خىل سىگنالنىڭ ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.
3.ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى بېرىش دائىرىسى
ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئالتاي شەھىرى.
بارلىق پۇقرالار خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنال نومۇرى تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە ۋە پىششىق بىلىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2022-يىل 9-ئاينىڭ 13-كۈنى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى