مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى ياڭ فۇلىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2022.09.09 14:13 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ فۇلىننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.


  جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى:2001-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار ياڭ فۇلىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭ، بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 14 - شىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، شىجاڭ بىڭتۈەن 3 - شىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، تۇمشۇق شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ مۇئاۋىن قوماندانى، پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزى بىۋاستە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق جەمئىي 30 مىليون 490 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز مال ـ مۈلۈك قوبۇل قىلغان.


  سوتتا ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، جاۋابكار ياڭ فۇلىن ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى بىلەن يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، ياڭ فۇلىن ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلدى. ئاخىرىدا سوتنى توختىتىپ، ھۆكۈمنى كېيىنچە ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ ئون نەچچە كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ