مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلەرنى ئۈندىدار توپى، مەھەللە بويىچە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، توردا زاكاز قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ماددىي ئەشيالارنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردى

2022.09.09 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىيە-تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ چيەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.


  جۇڭچيۇۋ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كۆپچىلىكنىڭ بايرامنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تەمىنلەش يوللىرىنى ئومۇميۈزلۈك راۋانلاشتۇردى. ئولتۇراق رايۇنلاردىكى سىرتقا چىقالايدىغان ئاھالىلەر بازار، تاللا بازىرى، قولايلىق ماگىزىنلارغا بېرىپ ئايتوقاچ قاتارلىق بايراملىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا بولىدۇ. باشقا ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا تارماقلىرى ھەرقايسى رايون، كوچا (باشقۇرۇش كومىتېتى) ۋە مەھەللىلەرنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۈندىدار توپى، مەھەللە بويىچە كوللېكتىپ سېتىۋېلىش، توردا زاكاز قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تاللاپ سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇردى، نۆۋەتتە مېيتۇەن، جىڭدۇڭ، سەككىز يېرىم، كېچە-كۈندۈز قاتارلىق نۇرغۇن تور سۇپىلىرى ئاھالىلەرنى توردا مال سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوچا، مەھەللىلەر خادىم كۆپەيتىپ، ماددىي ئەشيالارنى ئايرىش، يەتكۈزۈش كۈچلىرىنى تولۇقلاپ، «ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر» لىق مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان بايراملىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ