9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، «جۇڭگو بالدۇر پىشىدىغان چىلان يۇرتى» توقسۇن ناھىيەسىدە چىلان پىشىشقا باشلىدى، چىلانچى دېھقانلارمۇ چىلان ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. توقسۇن ناھىيەسىنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 110 مىڭ مودىن ئاشتى، يېڭى چىلاننىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 40 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇن ناھىيەسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، سەرخىل ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خاس باغچىلىق كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، سورتنى ئەلالاشتۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوراپ قاچىلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپەتنى سۈرۈشتۈرۈش، سوغۇق زەنجىرسىمان توشۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق باغچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ