مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ كۆپ پەنلىك مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسى بىرلىكتە 100 ياشلىق موماينى جىددىي داۋالاپ، خەتەردىن قۇتۇلدۇردى

2022.09.06 12:55 مەنبە: خەلق تورى

  107 ياشلىق بىر موماينىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قېلىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ كۆپ پەنلىك مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسى بىرلىشىپ جىددىي داۋالاپ، موماينى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى، ھازىر موماينىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى.
8 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى سەھەردە، 107 ياشلىق خۇ خانىم قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قىزىتما قوشۇلۇپ كېلىش سەۋەبىدىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلدى. كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولغاچقا، دوختۇرخانا دەرھال يېشىل يول ئېچىپ، دەل ۋاقتىدا داۋالاشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېزدىن ياخشى ئىشلىدى ھەم مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش-زەخمە جاراھىتى مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە جىددىي قۇتقۇزۇش-زەخمە جاراھىتى مەركىزىگە يۆتكەپ داۋاملىق داۋالىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياشانغانلار جىددىي خاراكتېرلىك ئۈچەي توسۇلۇش دەپ دەسلەپكى قەدەمدە دىياگنوز قويۇلدى، CT دا تەكشۈرگەندە، موماينىڭ ئوڭ تەرەپ يىرىق رايونىدا بوغچىلار بارلىقى ھەمدە ئۈچەي يولى كەپلەشمىسى بارلىقى بايقالدى.


  شىنجاڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا جىددىي قۇتقۇزۇش-زەخمە جاراھىتى مەركىزى دەرھال قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزىنىڭ باش كېسەلخانا دوختۇرى ۋە ئاشقازان ـ ئۈچەي (ئۆسمە) تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنى كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇشقا تەكلىپ قىلدى. كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئەمەس، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك، بولمىسا يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك شۇك بولۇپ قېلىشى ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن، دەپ يەكۈنلىدى.


  بىر مەيدان كۆپ پەنلىك بىرلەشمە دىياگونوز قويۇش شۇ جايدىلا قانات يايدۇرۇلدى، ئاشقازان-ئۈچەي (ئۆسمە) تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى، ئېغىر كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش كۆزىتىش ئۆيى (EICU) ، ئوپېراتسىيە ئۆيى گورۇپپىسى كۆپ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، موماينىڭ يېشى چوڭ، يۈرەك ۋە ئۆپكىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ مۇكەممەل داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، موماينىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.


  شۇ كۈنى كەچتە، مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ناركوز بۆلۈمى، مەركىزىي ئوپېراتسىيە بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنىڭ زىچ ماسلىشىشى بىلەن، ئاشقازان-ئۈچەي (ئۆسمە) تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى لى چۈنشىڭ دوختۇر ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى خۇ خانىمنى ئوپېراتسىيە قىلدى. ئوپېراتسىيە جەريانىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق موماينىڭ قورساق بوشلۇقىدا ئىنچىكە ئۈچەي كەپلىشىپ قالغانلىقى ھەمدە نىكروزلانغانلىقى، ئۈچەي كانىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى، سۇلۇق ئىششىقنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ھەمدە تېشىلگەنلىكى بايقالدى. ئوپېراتسىيە ئەترىتى نېكروزلانغان ئۈچەي نەيچىسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ ھەمدە ئۇلاپ، ئىككى سائەت ئىچىدە ئوپېراتسىيەنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.


  نۆۋەتتە، موماينىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى مۇقىم بولۇپ، تەدرىجىي ئەسلىگە كەلمەكتە.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ