مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا بۇ يىل 300 ئوقۇغۇچى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىپ، ئىككى تولۇق كۇرس كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ

2022.06.01 09:59 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، بۇ مەكتەپ رايونى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىدىن 2000 كىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن، پىلاندىكى قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى 2021 - يىلىدىكىدىن 300 ئوقۇغۇچى كۆپىيىدىكەن، بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى بىلەن خەنزۇ تىل – ئەدەبىياتى كەسپىدىن ئىبارەت ئىككى تولۇق كۇرس كەسپىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدىكەن.


  جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى 2015 ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2016 – يىلدىن باشلاپ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان، ھازىرغا قەدەر بۇ مەكتەپ رايونىدىكى تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى 4700 دىن ئاشتى. جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۇڭ تەيجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نېفىت، نېفىت -خىمىيەسىگە ئالاقىدار كەسىپلەر بۇ مەكتەپ رايونىمىزنىڭ ئالاھىدە كەسىپلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۈچ قاراردا جەمئىي 1965 ئوقۇغۇچى تەربىيەلەندى، بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ نېفىت، نېفىت -خىمىيە بىرىنچى سېپىدە ئىشلەۋاتىدۇ. مەكتەپ رايونىمىز بېيجىڭ مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇقتىلىق ھالدا «قالتىس ئىنژېنېر ئىختىساسلىقلىرنى تەربىيەلەش»، «تۇلۇق كۇرۇس-دوكتورلۇق / تۇلۇق كۇرۇس - ماگىستىرلىق بىر گەۋدىلەشكەن تەربىيەلەش»، « يېڭىلىق يارىتىش سىنىپى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش» «ھۆكۈمەت-كارخانا-ئالىي مەكتەپ» ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەش قاتارلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى قانات يايدۇردى.


  بۇنىڭ ئىچىدە، «ھۆكۈمەت-كارخانا-ئالىي مەكتەپ» ئەندىزىسى بويىچە ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەش داۋامىدا، مەكتەپ رايونى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى قاراماي نېفىت-خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، خۇاۋېي تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، مەكتەپ باشقۇرىدىغان، ساھە كارخانىلىرى قاتنىشىدىغان «ھۆكۈمەت-كارخانا-مەكتەپ» ھەمكارلىقىدىكى نېفىت- خىمىيە ساھەسىدىكى يېڭى تىپتىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەن.


  نۆۋەتتە، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا جەمئىي 23 تولۇق كۇرس كەسپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەبىئىي پەن، سانائەت، باشقۇرۇش، ئىقتىساد، ئەدەبىيات، قانۇندىن ئىبارەت ئالتە پەن تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ مەكتەپ رايونىنىڭ يېقىنقى ئىككى قارارلىق ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 90تىن يۇقىرى بولۇپ، بىلىم ئاشۇرۇش نىسبىتى % 35 ئەتراپىدا بولغان.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ