مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە 20 مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرۇلىدۇ

2022.06.01 09:58 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئشىتات كومىتېتى ئىشخانىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونىنىڭ مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە 20 مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىمەكچى ۋە ئۆستۈرمەكچى.


  «يېنىك كېسەللەرنى مەھەللىدە داۋالاش، ئېغىر كېسەللەرنى دوختۇرخانىدا داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھەللىگە قايتۇرۇش» دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى ئاساسىي قاتلام سەھىيە - ساغلاملىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەنزى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللە دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەمتۈكلۈكى ۋە يۇقۇم مۇداپىئە - تىزگىن خىزمىتىدە ئاشكارىلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، يۇقۇم مەداپىئە-تىزگىن خىزمىتى ۋە ئاساسىي داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.


  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىنقى ئىككى يىلدا شارائىتى بار مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا - بازار شىپاخانىلىرىغا تايىنىپ، مەھەللە دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئون داۋالاش ئاپپاراتىنى مەھەللە دوختۇرخانىسى قىلىپ بېكىتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇشۇ ئاساستا بۇ يىل مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنى ئاساس قىلىپ يەنە 20 مەھەللە دوختۇرخانىسى قۇرىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ