خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر «ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭمەملىكەت بويىچەبىر تۇتاشدەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى5-ۋە 9-سېنتەبىردىن بۇرۇن x.shn63.cc نى ئېچىپ توردا بېجىرىڭ» دېگەن بۇئالدامچىلىق قىسقائۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغان بولسىڭىز،ئۇچۇر مەزمۇنىدىكى ئۇلانمىنى قەتئىي چەكمەڭ ھەم دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىڭ.
يېقىندا، شەھەرلىك تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى دېيىلىدۇ) بۇ ئالدامچىلىق توغرىسىدا ئالدىن ئەسكەرتىش بەردى.
شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالدامچىلىق قىسقا ئۇچۇرىدا يېڭى نۇسخىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېچىپ بېجىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى كىرىش كۇنۇپكىسىنى چېكىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن، جىنايەتچىلەر بۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن شەخسىي ئۇچۇر، بانكا كارتىسى ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى،دەلىللەش نومۇرى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلايدۇ.
شەھەرلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزى شەھەر ئاھالىلىرىگە كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئۇلىنىشنى خالىغانچە چەكمەسلىكنى، شەخسىي پۇل مۇئامىلە ھېسابات ئۇچۇرىۋە سالاھىيەت ئۇچۇرىنىبىخەستەلىك بىللەن ئاشكارىلىماسلىقنى، ئالدامچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچەپۇل يۆتكەش، پۇل ئەۋەتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلماسلىقنى ئەسكەرتتى. شەھەر ئاھالىلىرى چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۇچۇرنىڭ كېلىش مەنبەسىۋە راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، ئالدىنىپ قېلىشتىنساقلىنىشى، شەخسىي ھوقۇق-مەنپەئەتۋە مەبلەغنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىنئېھتىيات قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىدىن گۇمانلانسا، 12333 قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ