مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2021.09.16 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بەردى ھەم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتتى

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزلىرى مەسئۇل بولغان ساھەلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە دوكلاتى بېرىپ ھەم مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش توغرىسىدىكى تەسىراتىنى ئالماشتۇردى.

  شۈ خەيرۇڭ لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مەركىزى شەھەردە ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن مول ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنىڭ مەركىزى شەھىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  ئەركىن تۇنىياز لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيە بېرىش، زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ چوڭقۇر، پۇختا ئىشلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشتىن ـ ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  تيەن ۋېن لېكسىيە سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل» دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە تەتقىق قىلىپ شەرھلەپ چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ « 1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ