مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنىڭ ئىران مەخسۇس مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2021.09.16 09:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.

  پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، قىلچە تۆۋەن چېكى يوق، قىلچە داۋلىسى يوق، قىلچە ئاساسى يوق ھالدا شىنجاڭنىڭ «نامىغا داغ تەگكۈزدى»، شىنجاڭنى «خۇنۈكلەشتۈردى»، ھەتتا شىنجاڭ «ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى» ئۆتكۈزدى دېگەندەك ئەسىر يالغان ـ ياۋىداق سۆزلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇنى ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھمەت قىلىش دېلوسى دېيىشكە بولىدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىسى فۇ لىخۇا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈنسېرى كۈچەيدى. ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق» مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلىغان يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ نادانلىق، كۈلكىلىك ئىكەنلىكى پاكىت ئالدىدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ـ ياخشى ئەمەسلىكىگە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقى بار.

  شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ھەمدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن ئەسلىدىكى تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر، دىنىي زاتلار، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقانلار، كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، ساياھەت يېتەكچىسى قاتارلىق ئادەتتىكى ئامما سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇش ئەھۋالىنى بايان قىلدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلەش»، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بېسىش»، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يوققا چىقىرىش» مەۋجۇت قاتارلىق يالغان- ياۋىداق سۆزلىرىنى پاش قىلدى، تەنقىد قىلدى.

  ئىراننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كېشاۋارزىزادە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئىران بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران خەلقىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. مەن ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئىران بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىغا كۈچ قوشۇپ، ئىككى جاينىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولۇمنى جارى قىلدۇرۇشىنى خالايمەن».

  ئىران-جۇڭگو سودىگەرلەر جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خالىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سودا ھەمكارلىقى ئىران-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى. 2016-يىلىدىن بۇيان مەن كۆپ قېتىم خىزمەت سەۋەبىدىن شىنجاڭغا باردىم، ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ جۇغراپىيە، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئوخشاشلىققا ئىگە، ئىككى جاينىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشماقتا. مەن ئىران بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشىمەن.

  خەنشۇناس، ئىسفاھان داشۆ جۇڭگو تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى لېي فەن مۇنداق دېدى: 2010-يىلىدىن بۇيان مەن كۆپ قېتىم شىنجاڭغا باردىم، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ كوچىلىرى كېڭىيىپتۇ، مۇھىتى گۈزەللىشىپتۇ، ئامما بېيىپتۇ، يەنە شىنجاڭغا بېرىپ، ئۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۇ يەردىكى قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان كىشىلەرنى كۆرۈپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن زۇمرەت ئوبۇل، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، جۇڭگونىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى فېڭ چۇن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. ئىراننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر قاتارلىقلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ