مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش ـ سەھىيە مۇلازىمەت تورى شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىدى

2021.09.16 09:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ سەھىيە ـ ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ «13 ـ بەش يىل»دىكى تەرەققىيات نەتىجە ـ ئۈنۈمى ھەم «14 ـ بەش يىل»دىكى باشلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش ـ سەھىيە مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، يېزا ـ كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى %100 تاماملانغان، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك داۋالاش ـ سەھىيە ئاپپاراتى 15 مىڭ 631 (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)گە يەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر سۈي يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا» ھەمتۈرتكە ئىسلاھات مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش ـ داۋالاش تۈزۈمىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى؛ دورا بىلەن دوختۇرخانىنى بېقىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى بەلگە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى بىلەن بارلىق ناھىيە، شەھەرلەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي دورا تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان دورا بىلەن تەمىنلەش كاپالەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇردى؛ ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي نەق پۇل سەھىيە چىقىمىنىڭ نىسبىتىنى %30تىن تۆۋەنگە چۈشۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش ـ داۋالىنىش يۈكى ئۈنۈملۈك يېنىكلىدى.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يىراق مۇساپىلىك داۋالاش بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، دوختۇرخانا يىراق بولۇش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. داۋالاش سۈپىتى ۋە تېخنىكا سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، دۆلەت دەرىجىلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈملەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 14كە ۋە 281گە يەتتى. ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى مۇقىم ئېشىپ، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل، يەرلىك كېسەللەر ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش نەتىجە ـ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتى بىخەتەر، تەرتىپلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىندى.

  سۈي يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قۇرغان جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى دوختۇرخانىلار بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەملىكەت بويىچە داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسىدىن 11ى، ئاساسىي قاتلامدىكى داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرى ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسىدىن 16سى قۇرۇلدى، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىگە دائىر قەدىمكى ئەسەرلەر، ھۆججەتلەردىن 20سى قېزىپ چىقىلدى، رەتلەندى، ئالتە تۈرلۈك ئەنئەنىۋى تېببىي دورىگەرلىك تېخنىكىسى دۆلەتنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ