مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا مەدەنىيەت كاتتا ئوزۇقلۇقىدىن بەھرىمەن قىلدى

2021.08.31 10:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شاڭخەي:

  ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا مەدەنىيەت كاتتا ئوزۇقلۇقىدىن بەھرىمەن قىلدى

  8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسى مارالبېشى بازىرى دوستلۇق يولى مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە كىچىك دوستلار قورشاۋ شاھمات ئويناۋاتاتتى.

  «بىر تال ئۇرۇقنىڭ ماڭىدىغان <تۆت يولى بار>، ئەگەر <تۆت يول>نىڭ ھەممىسىنى قارشى تەرەپ توسۇۋالسا، بۇ ئۇرۇقنى قارشى تەرەپ يەۋېتىدۇ» دېدى 12 ياشلىق ئەخمەترېھىم نامەر.

  ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئابدۇنەبى ئەمەت ئۇلاپلا مۇنداق دېدى: «ئۇرۇقنى يېيىشتە مەخسۇس ئىككى يولنى تېپىش كېرەك، يول ئاز بولسا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، مات بولىدۇ. پەقەت بىرلا يولى قالغان ئۇرۇق يېيىلىدىغان ئۇرۇق دېيىلىدۇ، ئۇرۇقىڭىزنى قاچۇرمىسىڭىز يەۋېتىمەن».

  «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شاڭخەي شەھەرلىك قورشاۋ شاھمات جەمئىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بىزگە ئۆگەتكەن» دېدى ئەخمەترېھىم.

  بالىلارنىڭ قورشاۋ شاھماتنى قىزىقىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لو جېنگۇاڭ مۇنداق دېدى: «قورشاۋ شاھمات مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش ۋە كېڭەيتىش، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى».

  شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر «قول تۇتۇشۇش» «دوستلىشىش» ۋە «سەنئەتنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزدى.

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خوۋ جىجۈن مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ جېنى».

  6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، قەشقەر 6 - ئوتتۇرا مەكتىپىدە شاڭخەي جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدىن كەلگەن ئارتىسلار بالىلارغا «تۆتىنچى ئوغۇلنىڭ ئانىسىنى يوقلىشى» «ۋېيخۇشەننى پەم بىلەن ئېلىش» قاتارلىق كىلاسسىك داڭلىق تىياتىرلارنى ئورۇنلاپ بەردى.

  «ناخشا تېكىستى يېقىملىق، ئىخچام ئىكەن، مەن جىڭجۈ تىياتىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن» دېدى «جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ گۈزەللىكى» بىلەن نۆل ئارىلىقتا ئۇچراشقان بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى دىلنۇر ئابلىز.

  بۇ شاڭخەي جىڭجۈ تىياتىرخانىسى ئېلىپ كەلگەن «سەنئەتنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. «سەنئەتنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش» پائالىيىتى شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى سۈپەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى.

  شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى تېخىمۇ كۆپ تۈرلەر قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شاڭخەي شەھىرىنىڭ قوللىشىدا «جۇڭخۇا كىلاسسىك يۈرۈشلۈك ئوقۇشلۇقلار»نى تۈزۈپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش چوڭ دەرسخانىسى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك تۈرلەرنى تەسىس قىلدى.

  7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 36 - نۆۋەتلىك «خەيگاڭ − شاڭچى» لوڭقىسى بويىچە شىنمىن كەچلىك گېزىتىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلدى؛ 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 60 ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى تەكلىپ بىلەن شاڭخەي ياشلار، ئۆسمۈرلەر خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، «يېڭى دەۋردىكى يېڭى ياشلار» 2021 شاڭخەي - قەشقەر ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى...

  بۇلتۇردىن باشلاپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئۇدا ئىككى يىل دۇڭفاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چوڭ تىپتىكى كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ھېس قىلىش پىروگراممىسى «يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش»نى قەشقەر ۋىلايىتىگە كىرگۈزۈپ، «يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش − خەزىنە سەپىرى»نى سۈرەتكە ئېلىپ، چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى.

  «بۇلتۇر، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە بۇ پىروگراممىنى سۈرەتكە ئالغاندا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيداندا كۆرگەنىدى» دېدى لو جېنگۇاڭ ئەسلەپ.

  «يۇقىرى چەككە جەڭ ئېلان قىلىش − خەزىنە سەپىرى»نىڭ «شىنجاڭ قىسمى»نىڭ تۇنجى سانى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ شامال يېزىسى چىتې كەنتى، ئاققۇمتاغ قۇملۇق باغچىسى، ئاناركۆل مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار تېزدىن ھەرقايسى چوڭ سۇپىلاردىكى «ساياھەت مەنزىلگاھى»نى ئىزدەش تىزىملىكىگە كىردى.

  شاڭخەي سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ساۋ شۈ توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا «تاڭ شېئىرلىرى كوچىسىدا مېڭىش» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ بەردى، كۆرۈش نەق مەيدانىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىدى.

  «<ئازادلىق گېزىتى> قارىمىقىدىكى <مەدەنىيەت مۇنبىرى> قەشقەر ۋىلايىتىگە كىردى، فۇدەن داشۆنىڭ پىروفېسسورى جاڭ ۋېيۋېي تۇنجى بولۇپ قەشقەرگە كېلىپ لېكسىيە سۆزلىگەن داڭلىق مەدەنىيەت ئەربابى.» خوۋ جىجۈن مۇنداق دېدى: «8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىز تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى <كىرگۈزۈپ>، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا مەدەنىيەت كاتتا ئوزۇقلۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ