مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

2021.08.31 10:12 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قىزغىن ئىنكاس قايتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى 12 جەھەتتىن مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى <جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش>تىن ئىبارەت.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مىللەت، دىن نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇ شىگو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەتئىي ھالدا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ يۇغۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى تۇرغۇزۇپ ۋە گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى قەلبى قوشۇلغان، مەنىۋى جەھەتتىن بىر - بىرىگە تايىنىدىغان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتە شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ «تۇتقا»سى، بارلىق خىزمەتلەر مۇشۇنىڭغا مەركەزلىشىشى كېرەك. ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ئالتاي رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ جياڭزې مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى داۋاملىق چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىزىقىش، تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، تەقدىرداش بولىدىغان ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىش كېرەك. تارىم داشۆسى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش شۆيۈەنى ئىدىيەۋى - سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئوۋ ۋېنشى مۇنداق بىلدۈردى: ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىغا كىرگۈزۈپ، ھەرقايسى مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» ئاۋات ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇنىڭدىن كېيىن بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ياخشى بەرپا قىلىمىز».

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى شاخ ۋە يوپۇرماق، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن شاخ - يوپۇرماقلار بۈك - باراقسان ئۆسەلەيدۇ. مەن باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ ئىجادىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تور يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئېركەش قورمانبېك.

  مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدە، قاينار مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى سېكىر قوسان 20 نەچچە يىلدا يۇرتىنىڭ مىللىي كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا ساتتى، ئۇ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن 3000غا يېقىن شاگىرت قوبۇل قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن، سېكىر مۇنداق دېدى: «شىركەتنىڭ تەرەققىياتى پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئىشىنىمىزكى، ھەر مىللەت خەلق قەلبداش بولۇپ قول تۇتۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، بىزنىڭ ۋەتىنىمىز چوقۇم تېخىمۇ گۈللىنىدۇ، قۇدرەت تاپىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل بولىدۇ».

  (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، لى ياڭ، لى لى، ئىختىيارىي مۇخبىر شى چيەن، ياڭ باۋرېن)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ