مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

موڭغۇلكۈرەدىكى بوۋايلار ئىلگىرى تۇرغان جايغا بېرىپ «قەدىناس دوستى» بىلەن كۆرۈشتى

2021.08.31 10:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  44 يىل ئىلگىرى، ئۇلار 10 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ تاڭشەنگە ئات يەتكۈزۈپ بەردى

  موڭغۇلكۈرەدىكى بوۋايلار ئىلگىرى تۇرغان جايغا بېرىپ «قەدىناس دوستى» بىلەن كۆرۈشتى

  2021 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، خېبېي، تاڭشەن ۋوگزالى.

  82 ياشلىق جاقسىلىق قايسار بىلەن 78 ياشلىق تۇرسۇن ئارتاي ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي چېگراسى ئېگىزلىكىدىكى موڭغۇلكۈرەدىن يولغا چىقىپ، 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى ئۇچۇپ ئۆتۈپ، تاڭشەنگە − بۇ ئىككى بوۋاي يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن شەھەرگە يېتىپ كەلدى.

  «44 يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن تاڭشەننى يەنە بىر قېتىم كۆردۈم، ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى» دېدى تۇرسۇن.

  86 ياشلىق تاڭشەنلىك بوۋاي چاڭ چىڭ ياشىنىپ تېنى ئاجىزلاپ قالغىنىغا قارىماي، شىنجاڭلىق ئىككى بوۋاي بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 40 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قۇتقۇزۇش جاقسىلىق، تۇرسۇن، چاڭ چىڭلارنى بىر - بىرىنى بىلىشىدىغان «ناتونۇش»لارغا ئايلاندۇرغانىدى.

  1976 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3تىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، 7.8 بال قاتتىق يەر تەۋرەش تاڭشەننى غايەت زور ئاپەتكە ئۇچراتتى، سانائەت مۇھىم بازىرى خارابىلىككە ئايلىنىپ، تالاپەتنىڭ ئېغىرلىقى پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتتى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تاڭشەننى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش خىزمىتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. يول راۋان بولمىغانلىقتىن ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى تەس ئىدى، قايتا قۇرۇشتا تىرانسپورت قوراللىرى جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، قانداق قىلىش كېرەك؟

  شۇ يىلى 10 - ئايدا، شىنجاڭدىكى قىسىملار ئاساسلىقى يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى خارابىلىكلەردە تازىلاش - توشۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تاڭشەندىكى ئاپەت رايونىغا 4550 تۇياق ھەربىي ئاتنى ھەقسىز ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، قىسىم پارتىيە كومىتېتى ئاتنى تاڭشەنگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەخسۇس ئات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، موڭغۇلكۈرە، نىلقا، تېكەس، ئارا تۈرۈك ھەربىي ئات فېرمىسىدىن ئادەم كۈچى تەشكىللەپ، ھەرقايسى ئات فېرمىلىرىدىكى ئاتلارنى قومۇل ۋوگزالى ۋە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇلكۈرە ھەربىي ئات فېرمىسى 3000 تۇياق ھەربىي ئات توپلاش ۋە توشۇپ يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، جاقسىلىق ۋە تۇرسۇن ئەينى چاغدىكى ئات يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

  «شۇ چاغدا، ئات يەتكۈزگۈچىنىڭ يول بويى جاپا تارتىدىغانلىقىنى، ئاسان ئەمەسلىكىنىلا بىلەتتىم.» چاڭ چىڭ ئەينى يىلى تاڭشەن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلاتتى. ئۇ نەچچە مىڭ پارچە نېگاتىۋ ماتېرىيالى ئىچىدىن 1977 - يىلى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تارتىلغان ئات توپىنىڭ پويىزدىن چۈشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە قوشۇننىڭ قارشى ئېلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىككى پارچە سۈرەتنى تاپتى. ئىلگىرىكى تونۇش مەنزىرىنى كۆرۈپ، جاقسىلىق ۋە تۇرسۇننىڭ ناتونۇشلۇق ھېسسىياتى بىردىنلا تۈگەپ، خاتىرىسىنىڭ قاپقىقى شۇ ھامان ئېچىلدى.

  يىللار چىراينى خىرەلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ جۇشقۇن ئەسلىمىلەرنى خىرەلەشتۈرەلمىگەنىدى. ئۇزۇن يىللار مابەينىدە غۇۋالاشقان بۇ ئۆتمۈش بىرنەچچە بوۋاينىڭ بايانلىرى ئارىسىدا تەدرىجىي روشەنلەشتى.

  ئەينى چاغدا، موڭغۇلكۈرەدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان قاتناش - تىرانسپورت قورالى يوق دېيەرلىك ئىدى، 3000 تۇياق ئاتنى پەقەت ئادەم كۈچى ئارقىلىقلا ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈپ، ئاندىن يەنە پويىزغا قاچىلاپ تاڭشەنگە توشۇشقا توغرا كېلەتتى. موڭغۇلكۈرەدىن تېكەسكە، ئاندىن كۈنەسكە بېرىش، مۇز داۋاندىن ئۆتۈپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغاندىن كېيىن، ئاندىن يەنە ئۈرۈمچىگە بېرىش كېرەك ئىدى، پۈتۈن مۇساپىدە 1200 كىلومېتىرغا يېقىن يول بېسىلاتتى.

  «غەربىي يۇرتتىكى شىنجاڭ ھەربىي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش تارىخى»دا مۇنداق خاتىرىلەنگەن: بىرنەچچە ھەربىي ئات فېرمىسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە يەتكۈزۈلگەن ئاتلار يەتتە ھەربىي تىرانسپورت مەخسۇس پويىزىغا بۆلۈنۈپ تاڭشەنگە توشۇلغان. تۇنجى پويىز 1977 - يىلى 8 - ئاينىڭ 5 - كۈنى يولغا چىققان، كۈن ئارىلاپ بىر نۆۋەت پويىز قاتنىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 4000 كىلومېتىردىن ئاشقان، يەككە مۇساپىگە يەتتە كۈندۈز ئالتە كېچە كەتكەن. بارلىق ئاتلارنى توشۇشقا 50 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىنغان.

  1 - ئات يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ بەنجاڭى تۇرسۇن بوۋاينىڭ ئەسلىشىچە، بىر تايچاق ئېھتىياتسىزلىقتىن تىك يارغا چۈشۈپ كەتكەن، تايچىقىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن بايتال ياردىن يېرىم قەدەممۇ ئايرىلغىلى ئۇنىمىغان. تۇرسۇن ئات مىنىپ ناھايىتى يىراق يولنى ئايلىنىپ، ياردىن چۈشۈپ كەتكەن تايچاقنى تېپىپ، تايچاقنى مۈرىسىگە ئارتىپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق كۆتۈرۈپ، ئۇنى قايتىدىن بايتالنىڭ يېنىغا ئەكەلگەن، قۇتقۇزۇش جەريانى توققۇز سائەتتىن ئاشقان.

  جاقسىلىق ئەڭ ئاخىرقى ئات يەتكۈزۈش ئەترىتىدە بەنجاڭ ۋە مال دوختۇرى بولغان. ئۇلار ئېلىپ ماڭغان ئاتلار بايىنبۇلاق يايلىقىدىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچى خوۋشياغا كەلگەندە، بىر غەلىتە ئىشقا يولۇققان. بەزى ئاتلار «تەلۋە ئوت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوت - چۆپنى يېگەندىن كېيىن، يېنىكلىرى ياندۇرۇپ بىئارام بولغان، ئېغىرلىرىنىڭ تۇيىقى چىرىپ كەتكەن، ھەتتا ئۆلۈپ قالغان. «بۇ خىل ئوت - چۆپ موڭغۇلكۈرە يايلىقىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان، بىزمۇ بىلمەيدىكەنمىز» دېدى جاقسىلىق.

  شۇ جايدىكى چارۋىچىلار «زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش» توغرىسىدا ئەقىل كۆرسەتكەن. ئۇلار بۇ خىل ئوتنى باغلام قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئوت يېقىپ، ئۇنىڭ ئىسىدا ئاتلارنى بۇرنىدىن كۆپۈك ئېقىپ چىققۇچە ئىسلاپ، زەھەرنى ھەيدەش رولىغا ئېرىشكەن.

  «بۈگۈن ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ، خۇددى ئەينى يىللاردىكى مەنزىرە قايتا ئەكس ئەتكەندەك ھېسسىياتقا كەلدىم. ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم يىراق جايدىن كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، گەرچە سالامەتلىكىم ياخشى بولمىسىمۇ، چوقۇم كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشمىسەم بولمايدۇ» دېدى چاڭ چىڭ.

  بۈگۈنكى تاڭشەننىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈش، ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ ئاتلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ئىگىلەش، ئاتلارنى باققان تاڭشەنلىكلەردىن ھال سوراش... نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، بۇ ئارزۇلار جاقسىلىق، تۇرسۇن قاتارلىق ئات يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ خىيالىدىن كەتمىگەنىدى.

  موڭغۇلكۈرە، تاڭشەن قاتارلىق جايلارنىڭ كۆپ تەرەپتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بۇ ئىككى بوۋاينىڭ ئىلگىرى بارغان جايىنى قايتا ساياھەت قىلىشقا ئىمكانىيەت يارىتىلدى. «ئەينى چاغدا كۆرۈشۈپ باقمىغانىدۇق، ئارىدىن 44 يىل ئۆتكەندە جەم بولدۇق، چوقۇم ئەينى يىللاردىكى ئەپسۇسلىنىشنىڭ ئورنىنى تولدۇرىمىز» دېدى چاڭ چىڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ