مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايون ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى% 18.6 بولۇپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەم 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ

2021.08.30 13:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى بىر تۇتاش تەڭشىدى، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 18.6 بولدى. 23-ئاۋغۇست مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولۇش سەۋىيەسى بويىچە بېكىتىلگەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر رايونلار بويىچە ئايرىغاندا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئالالايدىغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىمۇ مۇناسىپ ھالدا تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش مۇددىتى ئىشسىزلىقتىن ئىلگىرى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، لېكىن ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 24 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش مۇددىتى 1 ـ ئېيىدىن 24 ـ ئېيىغىچە بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە ئۆستۈرۈلىدۇ، ھەر بىر كىشى ئايدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساستا ھەر بىر دەرىجە 206 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى تۆت دەرىجە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1503 يۈەن/ئاي، 1323 يۈەن/ئاي، 1251 يۈەن/ئاي، 1179 يۈەن/ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى 18.6% بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككىنچى دەرىجىگە تەۋە.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى باشقارمىسىنىڭ 2- دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى ياڭ لىخۇڭ مۇنداق دېدى: تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئۆلچەم 2021- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. 2021 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن ھازىرغىچە، ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالغان ئىشسىزلار ئىش ھەققىنى تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ.

  ياڭ لىخۇڭ مۇنداق دېدى: ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايون ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 12 قېتىم ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمىنى تەڭشىدى، بۇ يىل 13 ـ قېتىم تەڭشەلدى.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئالغاندىن سىرت، يەنە مۇناسىپ داۋالاش، دەپنە نەپىقە پۇلى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ياڭ لىخۇڭ مۇنداق دېدى: كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئىشسىزلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن تۆلەيدۇ، شەخسلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرمايدۇ؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىشسىزلارغا دەپنە ياردەم پۇلى ۋە ئۇلارنى باققان جورىسى، بىۋاسىتە تۇغقانلىرىغا نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ؛ كەسپىي تەربىيەلەشكە قاتناشقاندا، مۇناسىپ كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  ئورۇنلار قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەن توختاملىق دېھقان ئىشچىلاردىن ئۇدا ئىشلىگىنىگە بىر يىل توشقان ھەمدە ئىدارىسى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرغانلىرىنىڭ ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشۇپ ئەمگەك توختامىنى داۋاملىق تۈزمىگەن ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلمىغانلىرىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات خىزمەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ، ئۇلارغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئىشسىز قالغان دېھقان توختاملىق ئىشچىلارغا بىر قېتىملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمىمۇ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشسىزلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت يانفون APP، دۆلەت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (www.//si.12333.gov.cn) ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى، ئالقان، ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلىنى توردا ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش» مۇلازىمىتىنى تاللىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ