كۈرەشچان ياشلىق، پۇشايمانسىز تاللاش
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا،24 ياشلىق ياڭ شىڭ نېفىت ئېلىش مەشغۇلات رايونىغا دەل ۋاقتىدا كەلدى.
ئۇ خاتىرىنى ئېچىپ بىر كاچالكىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ماشىنىغا تىكىلگىنىچە مىدىر ـ سىدىر قىلماي تۇردى. كاچالكىنىڭ رېتىملىق ھەرىكەت قىلىشى خۇددى بىر مۇزىكىنى يالغۇز ئورۇنلاۋاتقانغا ئوخشاش بولۇپ، «غىچ-غىچ» قىلىپ بىر خىل رېتىمنى ھاسىل قىلاتتى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ياڭ شىڭ دەرھال دەپتەرگە بەزى خەتلەرنى يېزىۋېلىپ، ئاندىن چوڭ قەدەملەر بىلەن كېيىنكى ماشىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
بۇ چاغدا، ياز كۈنلىرى قۇياش پارلاپ، زېمىن ئىللىق ئاق رەڭگە كىرگەن ئىدى؛ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقى كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، خۇددى بىر پارچە جىمجىت رەسىمگە ئوخشايتتى. بۇلتۇر، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي رايونى مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، 118 ئوقۇغۇچى شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدا قېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللىدى، ياڭ شىڭ دەل شۇلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ لۇلياڭ مەشغۇلات رايونىغا كېلىپ، نېفىت ئىشچىسى بولدى.
2020- يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياڭ شىڭ بۇ كۈننى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلايدۇ __ بۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي رايونىمەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىشنى تاللىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن كەڭ ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
بۇ يىل 6-ئايدا، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2-زاۋۇتىدا، جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي رايونى مەكتىپى 2020-يىللىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان قىسمەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار زىيارەتكە كەلگەن مەكتەپ رەھبەرلىرىگە بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى