مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ

​باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى

2021.07.22 08:38 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، خېنەن قاتارلىق جايلاردا ئۇدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، جېڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەردە ئېغىر ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈزبەردى، بىر قىسىم دەريالاردا سۇ ئورنى ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، قىسمەن سۇ ئامبارلىرىدا توسمىنى يار ئېلىپ كەتتى، بىر قىسىم تۆمۈريول لىنىيەلىرى توختىتىلدى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئېغىر، زور تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، تېزدىن كۈچلەرنى تەشكىللەپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، تالاپەت ۋە مال - مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشى كېرەك. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم يەرلىكنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىشى كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، يامغۇر، تەيفېڭ بورىنى، قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىقلاردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت تۈپەيلىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە «زور ئاپەتتىن كېيىن زور يۇقۇم كۆرۈلۈش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ