مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بىرۇنېي سۇلتانى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2021.07.21 13:32 مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بىرۇنېي سۇلتانى ھەسانار بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى سۆزلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەمدە رايون مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشتەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روھىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ قويۇق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، كەلگۈسى رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى تەرەپتىكى 11 دۆلەتتىكى 2 مىلياردتىن ئارتۇق خەلققە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  ھەسانار تەبرىك تېلېگراممىسىدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى 30 يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئىككى تەرەپنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، دېدى. جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ