مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى كىتابچىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.07.22 08:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىنىڭ رۇسچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە، ياپونچە، گېرمانچىدىن ئىبارەت ئالتە خىل تىلدىكى كىتابچىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز»ىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئاچقان ئۇلۇغ يولى، ياراتقان ئۇلۇغ ئىشى، قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى سىستېمىلىق ئەسلەپ ئۆتۈلدى؛ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىمىز تەنتەنىلىك جاكارلاندى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلاش قەتئىي ئىرادىسى تەنتەنىلىك جاكارلاندى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش تۈپ تەلىپى چوڭقۇر شەرھلەندى. بۇ مۇھىم سۆزنىڭ كۆپ خىل تىلدىكى كىتابچىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى شەكىللەندۈرگەن ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى، ياراتقان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتى، ئەۋج ئالدۇرغان تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ