مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.07.22 08:41 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ۋىدېيو ئارقىلىق تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقى چۈەن لېكپەي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تايلاند قان قېرىنداش. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تايلاند رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايلىنىشنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاشنى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىشى؛ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى «تايلاند 4.0»، شەرقىي قىسىم ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى جەنشۇ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  چۈەن لېكپەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تايلاند جۇڭگو بىلەن بولغان چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. تايلاند جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن زوقلىنىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. تايلاند پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ