مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» «شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغان نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى» «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىلىرى»نىڭ جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.07.16 09:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» «شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغان نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى» «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىلىرى»نىڭ جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى يېقىنقى مەزگىلدە بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرى مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن، مەركىزىي ھۆججەت ـ ماتېرىيال نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرىنىڭ جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، 100 يىل ئىچىدە دۆلەت، مىللەت ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشلىرى، قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، كۆرسەتكەن تارىخىي تۆھپىلىرىنى ئوبيېكتىپ تونۇشقا، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو داھىيسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەشكە پايدىلىق.

  «شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغان نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى» خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھېكايىلىرى»نى خەلق گېزىتىنىڭ مەملىكەت سىرتى نۇسخىسى تەھرىراتى تەشكىللەپ تۈزگەن بولۇپ، شاڭۋۇ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ ئىككى ئەسەردە دىققەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ئىللىق رەڭ تۈسى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، بەخت تۇيغۇسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى نامايان قىلىنغان. جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق ھېسسىيات نۇقتىسى، ئورتاق سادا نۇقتىسىنى قوزغىتىپلا قالماي، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەيدۇ، ئۇلارنى ئوقۇش جەريانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقچىللىق ھېسسىياتى ۋە ئىدىيە كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت كۈچى، تىل قۇدرىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە تېخىمۇ ئىگە قىلىدۇ.

  نۆۋەتتە، بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى 2021 ـ يىللىق شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسىدە ئۈچ ئەسەرنىڭ جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى نەشرىنى گۇرۇھنىڭ يىللىق نۇقتىلىق كىتابلىرى سۈپىتىدە كېڭەيتىپ، ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ ئۆتكۈزۈپ، زور تۈركۈمدىكى شياڭگاڭ ئوقۇرمەنلىرىنى كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا جەلپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى 150تىن كۆپرەك ئەمەلىي كىتابخانىدا ئۈچ ئەسەر ئومۇميۈزلۈك جازىغا قويۇلۇپ ھەم نۇقتىلىق كۆرگەزمە قىلىندى، سېتىلدى، بىرلەشمە نەشرىيات (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى مەدەنىيەت ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى «بىر كىتاب»، ئاخبارات ئۇچۇرلىرى سۇپىسى «چېڭزى خەۋەرلىرى»دە كىتاب چۈشەندۈرۈش، كىتاب تونۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۈچ ئەسەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى تونۇشتۇرۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە، بۇ گۇرۇھ شياڭگاڭ گاڭداۋ، شىنجيې ۋە جيۇلۇڭدىكى ھەرقايسى رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، رايونلۇق كېڭەش ئورگىنى، چوڭ تىپتىكى ئاھالىلەر رايونى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر ئائىلىسىدىكىلەرگە يۈزلەنگەن «مەھەللە كىتاب ئارىيەت بېرىش كۈنى» ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەنگەن «سەييارە كۇتۇپخانا» قاتارلىق ئاممىۋى مەنپەئەت كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق، ئۈچ ئەسەرنىڭ جۇڭگو يېزىقى فەنتى خەت نۇسخىسى نەشرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ