مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.07.25 22:57 مەنبە: خەلق تورى

  كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ، ئەمەلىي تۇتۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى؛ چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پورت سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى؛ چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پورتلارنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغدى، تۈنۈگۈن خېنەننىڭ قىسمەن جايلىرىدا يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، بولۇپمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان شەھەر ئىچى ھۆلچىلىك ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلدى. نۆۋەتتە ئېلىمىز 7-ئاينىڭ ئاخىرى 8-ئاينىڭ باشلىرىدىكى كەلكۈن مەزگىلى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھاۋارايى مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېقىندا قىسمەن جايلاردا يەنىلا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئالاقىدار كەسپىي كۈچلەرنى تەشكىللەپ، مەبلەغ ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ، خېنەننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىپ، خەتەرگە ئۇچرىغانلارنى ئىزدەش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ئىككىنچى، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئادەم كۈچى، يېتەرلىك ماتېرىيال تەييارلاپ چوڭ-چوڭ دەريا، كىچىك تىپتىكى خەتەرلىك سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنىڭ توسمىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە خەتەرنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. قاتناش ئەسلىھەلىرى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. شەھەر ئىچى ھۆلچىلىك ئاپىتى ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئۈچىنچىدىن، مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش-ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، نورمالسىز ھاۋارايىنىڭ ئاپەت پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك تەييارلىقلارنى تولۇق قىلىپ، خەۋپتىن ساقلىنىشقا تېگىشلىكلىرىنى خەتەردىن ساقلاپ، چېكىنىشكە تېگىشلىكلىرىنى چېكىندۈرۈپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىپ، كەلكۈندىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، چەت ئەل مەبلىغى بانكىسى، سۇغۇرتا، ئاكسىيە، چىقىم راسچوتى قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئاپپاراتنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگونى باشتىن-ئاخىر چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىغان مۇنبەت تۇپراق قىلىش كېرەك. بىرىنچى، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان خەلقئارا ئۆلچەمگە قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆلچەمنى بېكىتىپ، پاسسىپ تىزىملىك ئاساس قىلىنغان تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، چەت ئەل مەبلىغى بانكىسى، سۇغۇرتا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىجازەت شەرتى تەلىپىنى ياخشىلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئانا-بالا شىركىتىنىڭ چېگرا ھالقىغان مۇئامىلە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا قاتنىشىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى ياخشىلاش لازىم. ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق، تەڭپۇڭ سەۋىيەدىكى ئاساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم. ئۈچىنچى، ماكرولۇق ئېھتىياتچان سىياسەت رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى كۆزىتىش، باھالاش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ھالقىغان سودىنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ ئومۇمىي تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2017-يىلىدىكىدىن %60، %80تىن كۆپرەك قىسقارتىلدى. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: كېيىنكى قەدەمدە، بولۇپمۇ كېيىنكى يېرىم يىللىق خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۇھىت ئۆزگىرىشىگە قارىتا، پورتلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش كېرەك. بىرىنچىدىن، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېكسپورت ماللىرىنى «پورتتا بىۋاسىتە قاچىلاش» ۋە ئىمپورت ماللىرىنى «پاراخوت يېنىدا بىۋاسىتە ئېلىش» سىنىقىنى كېڭەيتىش لازىم. ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە باج قايتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىچە ۋاقتىنى يەتتە خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىش لازىم. چەت ئەلدىكى ئامبار قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئېكسپورتى، مال قايتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»دىكى سودىنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىككىنچى، ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىدىكى خىراجەتنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش كېرەك. پورتتا ھەق ئېلىش تىزىملىكىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپش كېرەك، تىزىملىكتىن باشقا ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. دېڭىز بويىدىكى پورتلارنىڭ يول باشلاش ھەققى ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش لازىم. ئۈچىنچى، پورت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ بۆلۈپ تارقىتىش ۋاقىت چېكىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ تىرانسپورتىدىن تۆمۈريول تىرانسىپورتىغا ئالماشقان يۈكلەرگە قارىتا، «پويىز-كېمىلەردىن بىۋاسىتە ئېلىش» ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ