مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ئۇرۇگۋاينىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، پارلامېنت رەئىسى، قوشۇمچە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئاشمون بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.07.25 22:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىن شەكلى ئارقىلىق ئۇرۇگۋاينىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، پارلامېنت رەئىسى، قوشۇمچە كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئاشمون بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ راكالىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلىدى. ئىككى دۆلەت باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتلەر ئارا ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاي تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ئىشلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردا زىچ ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى بىر پۈتۈن ھەمكارلىقىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۇرۇگۋاي پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كومىتېت، دوستلۇق گۇرۇپپىسى قاتارلىق ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى؛ قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، نامراتلىقنى تۈگىتىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق قارالمىلاردا ئالاقىنى كۈچەيتىشنى؛ ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ ۋە تۈزىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ياخشى قانۇن، سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشنى؛ ھەرقايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى پارلامېنتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئۇرۇگۋايدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى نامايان قىلدى. ئۇرۇگۋايدىكى پارتىيەلەرنىڭ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنلىكىگە رەھمەت. كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلاردا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز.

  ئاشمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇرۇگۋاي جۇڭگو بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئۇرۇگۋاينىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش ۋە ئۇرۇگۋاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ