مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ساننى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇش، سۈرئەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىش، ئەمەلىي ئىشنى پۇختا قىلىش كېرەك

2021.07.26 10:08 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، پاكىز ھاجەتخانىلار ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى داۋاملىق تۈردە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىلمىي يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ساننى سۈپەتكە بويسۇندۇرۇش، سۈرئەتنى ئەمەلىي ئۈنۈمگە بويسۇندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېز بولۇشنى كۆزلىمەي ياخشى بولۇشنى كۆزلەپ، خەلقنى قاقشىتىپ، مال ـ مۈلكىگە زىيان سېلىشقا، شەكىلۋازلىق قىلىش، ياسالمىلىق قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم ئالاقىدار تارماقلار ھەر قايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىشى، ئەمەلىي ئىشنى پۇختا قىلىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى نەق مەيدان يىغىنى 7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى خۇنەن خېڭياڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. تېز بولۇشنى كۆزلىمەي ياخشى بولۇشنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنى ئۆزگەرتسە بىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھاجەتخانا ئۆزگەرتىشنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مۇۋاپىق شەكىل ۋە تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىناق قىلىپ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن كېڭەيتىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  خۇنەن، خېبېي، لياۋنىڭ، خەينەن، يۈننەن، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تارماقلىرى ۋە يېزا ھاجەتخانا ئىنقىلابى خىزمىتى باشلامچى تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ