شى جىنپىڭ شىزاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

2021.07.26 10:06 مەنبە: خەلق تورى

  شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىزاڭغا كېلىپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاپ ۋە ھال سوراپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىزاڭغا كېلىپ شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىشى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە بولغان قوللىشى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان غەمخورلۇقىنى تولۇق ئىپادىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جەمئىيەت تۈزۈمىدە تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، شۇنداقلا يېڭى شىزاڭمۇ بولمايتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە دائىر فاڭجېن، سىياسەتلىرى تامامەن توغرا.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

  7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 23 ـ كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ يىڭجيې، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى چى جالانىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ لىنجى، لاسا قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزىلار، شەھەر باغچىلىرى، تۆمۈريول تۈگۈنلىرى، دىنىي سورۇنلار، مەدەنىيەت كوچا ـ رايونلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەردە، شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ لىنجى مىلىن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما گۈلدەستە كۆتۈرۈپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى ھەم باش شۇجىغا خاداك، چيېما، ئارپا ھارىقى تۇتۇپ، باش شۇجىغا چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ نىياڭخې چوڭ كۆۋرۈكىگە كېلىپ، سۇلار دولقۇنلاپ تۇرغان، ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر ياپيېشىل باراقسان ئۆسكەن يانى سۇلۇق يېرىگە يىراقتىن نەزەر تاشلاپ، يالۇزاڭبۇ دەرياسى ھەم نىياڭخې ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق، مۇزلۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم دەريا ئېقىن رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بۇ يەردىكى جانلىقلار، ئوت ـ چۆپ، دەل ـ دەرەخلەر، تاغ ـ دەريالارنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىنجى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش سارىيىغا كېلىپ، لىنجىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش مۇساپىسى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئېگىزلىكتە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئامما ئۇزاقتىن بۇيان تەبىئەت بىلەن بىر ـ بىرىگە تايىنىپ، ئېگىزلىك مۇھىتى بىلەن ئىناق بىللە ئۆتىدىغان تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈردى، رايون ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قوزغىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى قاتتىق چەكلىمە قىلىپ، شەھەرنى ئېچىش چېگراسى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئىلمىي بېكىتىپ، شەھەرنىڭ نوپۇس كۆلىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئىلمىي يۈرۈشلەشتۈرۈپ پىلانلاپ قۇرۇپ، ئورمان ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لىنجى شەھىرى بايى رايونى لىنجى بازىرىغا جايلاشقان گالا كەنتى ئەتىيازدا پورەكلەپ ئېچىلىدىغان ياۋا شاپتۇل چېچىكى بىلەن داڭلىق. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، گالا كەنتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلىرىنى ئاڭلىدى، كەنتتىكى خەلققە قولاي مۇلازىمەت مەركىزى، «يېشىل بانكا» ئالماشتۇرۇش ماگىزىنى، داۋالاش ئۆيى قاتارلىقلارغا بېرىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كەنت ئاھالىسى داۋا جيەنسەن مېھمان بولۇپ ئۆيىگە كەلگەن باش شۇجىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ياتاق ئۆي، ئاشخانا، ساقلاش ئۆيى، ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى ھەم بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە مېھمانخانىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى. داۋا جيەنسەن باش شۇجىغا، بۇ يىللاردا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۈك توشۇش، شاپتۇل چېچىكى بايرىمىدىكى پايدا تەقسىماتى، يەر ئوبوروت قىلىش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىققا تايىنىپ، بۇلتۇر پۈتۈن ئائىلە كىرىمىنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گالا كەنتىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغان 70 يىلدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، بۇ يەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان جاي. يۇرتداشلارنىڭ ياخشى كۈنلىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا سىلەر ئۆزۈڭلار ئەمگەكچان ئىككى قولۇڭلارغا تايىنىپ ياراتقان. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كەنت ئاھالىلىرى يول بويىغا يىغىلىپ، ئاپئاق خاداكنى تۇتقىنىچە، تەنتەنە قىلغان ھالدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، قالپىقىنى ئېلىۋېتىپ باش شۇجىغا ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ «جاشىدېلې» دەپ كۆپچىلىكنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، ساغلام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  گالا كەنتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ لىنجىنىڭ يېڭى ـ كونا شەھەر رايونى تۇتاشقان جايدىكى گۇڭبۇ باغچىسىغا كېلىپ، باغچىنىڭ كۆكەرتىلىش ئەھۋالى ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەرنىڭ يادروسى ئادەم، شەھەر خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن ـ ئىشلەنمىگەنلىكىدە پۇقرالارنىڭ رازى بولغان ـ بولمىغانلىقى، تۇرمۇشقا قولايلىق بولغان ـ بولمىغانلىقى مۇھىم باھالاش ئۆلچىمى. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شى جىنپىڭ باغچىدىكى مەيداندا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە بەخت تىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، شىزاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈريول لاسا ـ لىنجى تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشكەنىدى. 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سىچۇەن ـ شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ مۇھىم تۈگۈن بېكىتى بولغان لىنجى پويىز ئىستانسىسىغا كېلىپ، سىچۇەن ـ شىزاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى ۋە لاسادىن لىنجىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ قۇرۇلۇش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يائەندىن لىنجى بۆلىكىگىچە بولغان بۆلەكنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ لاسا ـ لىنجى تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدىكى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ سىچۇەن ـ شىزاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، سىچۇەن ـ شىزاڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلغان، ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەرگەنىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىچۇەن ـ شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ ياساش شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر، يائەن ـ لىنجى بۆلىكىنىڭ يەر شەكلى، گېئولوگىيەسى ۋە كىلىمات شارائىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ياساشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇپ، ئىلمىي قۇرۇلۇش قىلىش، بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىش، يېشىل قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى بۇ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىش كېرەك. غەربىي قىسىم چېگرا رايوننىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تولۇق دەلىللەپ، ئىلمىي پىلانلاپ، چېگرا رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لاسانىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان جېباڭ بۇتخانىسىغا كەلدى. سوچىن سارىيى مەيدانىدا، ئۇزۇن كانايلار تەڭلا چېلىندى، جېباڭ بۇتخانىسى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى باش شۇجىغا خاداك تەقدىم قىلدى، راھىبلار ئىسرىقدان كۆتۈرۈپ، گۆھەر سايىۋەن تۇتۇپ تۇردى، باش شۇجى پەلەمپەينى بويلاپ چوڭ زالغا كىردى. شى جىنپىڭ شىزاڭنىڭ دىن خىزمىتى ئەھۋالى ۋە جېباڭ بۇتخانىسىنىڭ بۇتخانا باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم سوچىن سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جېباڭ بۇتخانىسىنىڭ بۇ يىللاردىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ھىمايە قىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان پائال تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ سارايدىن چىققاندا، نەچچە ئون راھىب خاداك كۆتۈرۈپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىپ، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، تىبەت بۇددا دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىنلار رايىشلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لاسا شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان باكو كوچىسى ھازىرغىچە 1300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. شى جىنپىڭ پىيادە مېڭىپ باكو كوچىسىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، خاس تاۋارلار دۇكىنىغا كىرىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، شىزاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى، قوغدىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى. ھەر مىللەت ئاممىسى بەس ـ بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ قول ئىشارىسى قىلىپ كۆپچىلىككە ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ئارقىدىنلا بۇدالا سارىيى مەيدانىغا كەلدى، مەيداندا قىپقىزىل دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى، شىزاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، بۇدالا سارىيىنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ئىدى. شى جىنپىڭ بۇدالا سارىيىنى قوغداش، باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىدى، ھەر مىللەت ئاممىنى سەمىمىي يوقلىدى. مەيداندىكى ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئامما بىردەك «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىزاڭنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، شىزاڭنىڭ تارىخىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق پۈتكەن، زاڭزۇ مىللىتى بىلەن باشقا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى شىزاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا باشتىن ـ ئاخىر سىڭگەن. ھازىر، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغانلا بولساق، بىز چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. شى جىنپىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا «جاشىدېلې» دەپ بەخت تىلىدى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ شىزاڭ خەلق سارىيىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. لەرزان خەلق ناخشىلىرى، شوخ ئۇسسۇللار شىزاڭنىڭ ئۆزگىچە، خاس مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

  7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شىزاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىزاڭ خىزمىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خەلقنىڭ بەختىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى تەشۋىقات تەربىيەسىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى تەربىيەسى، يېڭى ـ كونا شىزاڭنى سېلىشتۇرۇش تەربىيەسى ۋە ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، بارلىق تەرەققىياتقا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش، ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆمۈريول، تاشيول ھەم باشقا مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىزاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللاردىن بۇيان، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىي قىياپىتىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى، مەن بارغانلا يەردە كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بەخت ھېسسىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدىم. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، يەسلى، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، بىر ـ بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. چېگرا رايون ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، دۆلەت زېمىنىنى قوغداش، يۇرت ـ ماكانىنى گۈللەندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداشنىڭ پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، جاھانغا نەپ يەتكۈزىدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار ـ مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلىشىشنى بەرپا قىلىپ، يەر شارىنىڭ 3 ـ قۇتۇپىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مەقسىتى. تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش نەتىجىلىرىنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى بىلەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى ئارقىلىق ئۆزىنى تەربىيەلەپ، تەلەپچان بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش، ئاممىنى يېتەكلەش كېرەك. خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبدىشى، سىردىشى، يول باشلىغۇچىسى بولۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى پۇختىلاپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخ ۋە دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، شىزاڭنىڭ پەۋقۇلئاددە جاپالىق خىزمىتى، تۇرمۇشىنى چىقىش قىلىپ، ئالاھىدە مائاش ۋە ئالاقىدار پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

  دوكلات يىغىنىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى، شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، سىياسىي ـ قانۇن كادىر ـ ساقچىلار ۋەكىللىرى، دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قارلىق ئېگىزلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ لاسادا شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق كوماندىر ـ جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى، شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ گەۋدىلىك تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ھازىر، دەل پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلى. تەكشۈرۈش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ خېنەندە قاتتىق قارا يامغۇر ياغقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېزدىن كۈچلەرنى تەشكىللەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، تالاپەت ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم يەرلىكنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ھەمكارلىشىشى كېرەك. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھاۋارايىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش ـ يۆلەش، قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. شىزاڭمۇ بۇ تەلەپلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى، پابالا گېليېلاڭجيې ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ