مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «تىرىك چوشقىنى سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2021.07.23 13:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «تىرىك چوشقىنى سويۇشنى باشقۇرۇش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى، 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تىرىك چوشقا ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. تىرىك چوشقىنى سويۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش تىرىك چوشقا مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى «خاتىرجەم گۆش» يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «نىزام»نى يولغا قويۇش جەريانىدا يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەر يۈزبەردى، جەزمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام»دا نۇقتىلىق ھالدا ئۈچ جەھەتتىن تىرىك چوشقىنى سويۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش ۋە تىرىك چوشقىنى سويۇشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشقا قارىتا بەلگىلىمە بېكىتىلدى.

  بىرىنچى، تىرىك چوشقا سويۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «نىزام»دا، نۇقتىلىق بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويىدىغان قۇشخانىلارنىڭ تىرىك چوشقىلارنى تەكشۈرۈپ تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش بەلگىلەندى. تىرىك چوشقا سويۇشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن مەشغۇلات قائىدىسى، تېخنىكا تەلىپى ۋە تىرىك چوشقا سويۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش ھەمدە دېزىنفېكسىيە تېخنىكا قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. گۆش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشتە، سويۇلغان چوشقا گۆشىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويىدىغان قۇشخانىلار چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى قۇشخانىدىن چىقىرىشنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قۇشخانىدىن چىققان چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، كارانتىن ئىسپاتى نومۇرى، گۆش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش لاياقەتنامىسى نومۇرى، مال سېتىۋالغۇچىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى كېرەك. نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويىدىغان قۇشخانىلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان چوشقا گۆشى مەھسۇلاتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە توشمايدىغانلىقىنى بايقىسا، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش، يۇقۇملۇق كېسەللىك ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللىك پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتى بولسا دوكلات قىلىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلىرىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ھەمدە قايتۇرۇۋالغان چوشقا گۆشى مەھسۇلاتىنى زىيانسىزلاندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇنىڭ قايتا بازارغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كېرەك. «نىزام»دا، ھايۋانات يۇقۇمى كۆرۈلگەندە، نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويىدىغان قۇشخانىلار ھايۋانات يۇقۇمىنى تەكشۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇمىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە دوكلات قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى ۋە خاتىرىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىمە بويىچە يېزا ئىگىلىكى-يېزا مەسئۇل تارمىقى تەيىنلىگەن مال دوختۇرىنى تولۇق سەپلىشى، مال دوختۇرلىرى سويغان چوشقىنى كارانتىن قىلىشى ھەمدە كارانتىن يەكۈنىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. كارانتىندىن ئۆتەلمىگەن تىرىك چوشقا ۋە چوشقا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. دۆلەت تىرىك چوشقا بېقىش، سويۇش، پىششىقلاش، تەقسىملەش، سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ سويۇشنى يولغا قويىدۇ، سوغۇق زەنجىرسىمان ئوبوروت ۋە تەقسىملەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىدۇ.

  ئۈچىنچى، قانۇن جاۋابكارلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «نىزام»دا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش سالمىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشۇرۇلۇپ، مەمۇرىي جازا بىلەن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش كۈچەيتىلدى. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كارخانا ۋە شەخسلەرنى ئىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش، جەرىمانە قويۇش، ھەتتا نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويۇش گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى قوللانسا بولىدىغانلىقى؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار خادىملارنى توختىتىپ قويسا بولىدىغانلىقى بەلگىلەندى. نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويىدىغان قۇشخانىلارنىڭ نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويۇش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغان بولسا، ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىللىك (مەسئۇل)لۇقى قاتارلىقلار بولسا، بەش يىل ئىچىدە نۇقتىدا بېكىتىلگەن تىرىك چوشقا سويۇش گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياكى چوشقا سويۇشنى باشقۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ تىرىك چوشقىنى سويۇشنى باشقۇرۇشىغا ئۆمۈرۋايەت يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ