مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۆي-زېمىن ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2021.07.23 12:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇرالغۇ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار خىزمەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  خەن جېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆينى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى «14-بەش يىل»لىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ياخشى ئىگىلەپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ياشلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، يېڭى شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  «ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك ئۆي شەكلىنى ئاساس قىلىپ، «ئىش ئورنى ۋە ئولتۇراقلاشقان نوپۇس تەڭپۇڭلۇقى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. «ئۈستىگە ئېلىشقا بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» پرىنسىپى بويىچە، ئىجارە ھەققىنى بېكىتىشنىڭ ئىلمىي مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نوپۇسنىڭ شەھەرگە ساپ كىرىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيلەرنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆي-زېمىن خىزمىتىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي-زېمىننى ئىقتىسادنى قوزغىتىش قىسقا مۇددەتلىك ۋاسىتىسى قىلماي، يەر باھاسى، ئۆي باھاسى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت قورالى ساندۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشى ۋە ياخشى ئىشلىتىشى كېرەك. ئۆي-زېمىن پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆي-زېمىن كارخانىلىرىنىڭ «3-، 4 - دەرىجىلىك» مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي-زېمىن قەرزىنى مەركەزلىك باشقۇرۇشنى چىڭىتىش كېرەك. «يەر باھاسى»نى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش قائىدىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈملۈك يەر سېتىۋېلىش مەبلىغىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ تەرتىپىنى داۋاملىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق بازار ئاپپاراتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، بازاردىكى قالايمىقانچىلىقنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. گۇاڭجۇ، فۇجۇ، بېيجىڭ، چاڭشا قاتارلىق تۆت شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ