مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارا چاپلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى پاختا زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم

2021.05.07 19:29 مەنبە: خەلق تورى

  ئىسمىم ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، بۇ يىل 48 ياش، مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىلىق پاختا زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى، زاۋۇتىمىزدا ھازىر 48 ئىشچى-خىزمەتچى بار، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق كۆپ مىللەت بار، كۆپچىلىك ھەممىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەت قىلغىلى كەلگەن، ھەممىسى ئەمگەك توختامى ئىمزالىدى، ھەر بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  يېقىندا، شىۋېتسىيەنىڭ كىيىم-كېچەك ماركىسى H&M ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارشى تۇردى، بىر قىسىم چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارا سۈركىدى، بۇنداق «بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئېشىنى يەپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ قاچىسىنى چېقىش» ئۇسۇلى مېنى ئىنتايىن خاپا قىلدى. مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن.

  مەن زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقىلى 30 يىل بولدى، مېنى شىنجاڭنىڭ پاختا كەسپى تەرەققىياتىنىڭ گۇۋاھچىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى شىنجاڭدا پاختا ئاساسلىقى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ تېرىلاتتى، يەرلىك ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە گەنسۇ، سىچۈەن قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ پاختا تېرىيتتى. 50 كۈنگە يېقىن پاختا تېرىش مەزگىلىدە، پاختا تەرگۈچىلەرنىڭ ھەر بىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايتتى. بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كۆپ پۇل تاپقىنىدىن ئۇلار بەك خۇشال بولاتتى، نەدىمۇ يەنە «مەجبۇرلاش» زۆرۈر بولسۇن؟

  ھازىر ماشىنىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختىلار ماشىنىدا تېرىلىۋاتىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئۈنۈم يۇقىرى، تەننەرخ تۆۋەن بولۇپلا قالماي، يەنە پاختىكارلارنىڭ كىرىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا، غەرب ئەللىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى ئۇنسۇرلارنىڭ قەستەن «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» يالغانچىلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشى پۈتۈنلەي يالغان سۆزلىگەنلىك. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىڭلار، شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارا چاپلىماڭلار، بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا قالايمىقان گەپ قىلماڭلار. سىلەرنىڭ سالاھىيىتىڭلار يوق ھەم ھوقۇقۇڭلار يوق، سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلار باشتىن-ئاخىر يالغانچىلىق، ھامان بىر كۈنى پاش بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ