8 -ئىيۇل سائەت نۆلدە دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىپ، تەييار ماي باھاسى 2015-يىل كىرگەندىن بۇيانقى 5-قېتىملىق تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
7-ئىيۇل، دۆلەتلىك تەرققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئايرىم ھالدا 95 يۈەن ۋە 90 چۈشكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئايرىم ھالدا 0.07 يۈەن ۋە 0.08 يۈەن چۈشكەن.
ئىگىلىنشىچە، بۇ قېتىمقى تەڭشەشكە قەدەر دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھا بازىرىدا جەمىئىي 13 قېتىم ماي باھا تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ماي باھاسى بەش قېتىم ئۆرلەپ، بەش قېتىم چۈشۈپ، ئۈچ قېتىم ماي باھاسىدا ئۆزگىرىش بولمىغان.