ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى؛ فوتوسى: 8 – ئىيۇل شىنجاڭ داۋانچىڭ ناخۇەن پۇتبول كوماندىسى ماھىرى دانالاخ كىرگۈزگەن بىر توپ، تيەنجىن پۇتبول ساھەسىدىكى «پىرىم» ئورنىدا تۇرىدىغان تيەنجىن تەيدا كوماندىسىنى يېڭىپ، تارىخي خاراكتېرىلىق ھالدا جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى.
8 – ئىيۇلدىكى مۇسابىقىدە تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى شۇ كۈنكى تېمپىراتۇرىدەكلا يۇقىرى بولدى، 15 مىڭغا يېقىن تاماشىبىن شىنجاڭ كوماندىسىغا كۈچلۈك مەدەت بولدى. مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كوماندا بولغان تيەنجىن «تەيدا» كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇاڭجوۋ خېڭدا كوماندىسىنى يەڭگەن شىنجاڭ كوماندىسى دۆلەت ئىچىدە خېلىلا غۇلغۇلا قوزغىغان بولۇپ، شۇ كۈنكى مۇسابىقىگە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مېدىيالار كېلىشتىن باشقا يەنە تيەنجىن كوماندىسىنىڭ كونا رەقىبى بېيجىڭ «گوئەن» پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر قىسىم پۇتبول مەستانىلىرى كېلىپ شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت بەردى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا تيەنجىن «تەيدا» كوماندىسى پۈتكۈل مەيداننى كونترول قىلىۋالدى. شىنجاڭ كوماندىسى ھودۇقۇپلا قالدى. لېكىن 20 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسى رەقىبىنىڭ توپ تېپىش ئىستراتېگىيەسىنى تېزلا بىلىۋېلىپ كۈچلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 37 مىنۇت بولغاندا مۇستاپا بەرگەن چىرايلىق پاسنى ئالغان دانالاخ توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1 : 0 قىلدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە تيەنجىن «تەيدا» كوماندىسى شۇنچە قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى ئىشىك ئالدىدا نەچچە توپنى كىرگۈزەلمىدى. شىنجاڭ كوماندىسى بولسا ئەڭ ئاخىرقى بەش مىنۇتتا نومۇر ېلىشقا تېگىشلىك ئىككى توپنى ئىسراپ قىلىۋەتتى. شىنجخاڭ كوماندىسى ئاخىرى 1 : 0 نەتىجىدە تيەنجىن «تەيدا» كوماندىسىنى يېڭىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمىيىتى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كوماندىسى تەركىبىگە كىردى.
كېيىنكى مەيدان ئايلانما مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىبى ئەمدىلا خېبېي خۇاشيا شىڭفۇ كوماندىسىنى يەڭگەن جياڭسۇ «شۈنتيەن» كوماندىسى بولۇپ، مۇسابىقە 19 – ئاۋغۇست ياكى 20 – ئاۋغۇست شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە بولىدىغان بولۇپ، قىزىق يېرى جياڭسۇ «شۈنتيەن» كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسىدىكى دانالاخ بۇرۇن تۇرغان كوماندا بولغان بولسا، ئۇ كوماندىدا ھازىر شىنجاڭلىق ماھىر بارى توپ تەپمەكتە.
ــــ بۇ مەيدان مۇسابىقىنى مەن ساقلىغىلى ئىككى يىل بولدى، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم مەيدانغا چۈشۈشۈم، شۇڭا باش ترېنېر لى جۈنگە رەھمەت دەيمەن،- دېدى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 24 - نومۇرلۇق پۇتبول ماھىرى، سابىق شىنجاڭ غەربىي دىيار «خەيتاڭ» پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان شۆھرەت مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا،- بۈگۈنكى مۇسابىقىدە بەزەن تەرەپلەرنى ھېسابغا ئالمىغاندا ئۆزۈمنى ياخشى قىلدىم، باش تېنېرنىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدىم دەپ قارايمەن، بۇندىن كېيىنكى مەشىقنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە پۇرسەت بولسا ئۆزۈمنىڭ رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىمەن.
ــــ بۈگۈن جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول كوماندىسىدىكى بىر كوماندىنىڭ،باش ترېنېرى ئالدىنقى نۆۋەتلىك جۇڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تېنېرى بولغان بىر كوماندىنىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئۇتتۇرۇپ كېتىشى ئۇلارغا بىر سەت ئىش بولدى، لېكىن بىزگە قاتتىق ئۇلۇغ ئىش بولدى ،- دېدى مۇسابىقىدە باشتىن ئاخىر توۋلاپ قاتتىق ھاياجاندا ئولتۇرغان توپ مەستانىسى نۇرمۇھەممەد پىدا،-بۈگۈن شىنجاڭنىڭ يەرلىك توپچىلىرىدىن ئەخمەتجان، يەھيا، مۇستاپا، شاۋكەت، يالقۇن قاتارلىقلار مەيدانغا چۈشتى. بارلىق كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئارا ياخشى ماسلىشىشى بىلەن بۈگنكى ياخشى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىر پۇتبول كوماندىسىنى شىنجاڭنىڭ A كوماندىسىنىڭ يېڭىشى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا ھازىرغىچە يېڭىلمەي كەلگىنى شىنجاڭ ئۈچۈن زور بىر خۇشاللىق بولدى. شىنجاڭ كوماندىسىغا ئامەت تىلەيمەن.
مۇسابىقىدىن كېيىن ھازىرغىچە ئۆز مەيدانىدا مۇسابىقىلەردە يېڭىلىپ باقمىغان شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى لى جۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىۋاتىدۇ». ھازىرغىچە ئۇدا بەش مەيدان يېڭىلگەن تيەنجىن تەيدا كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى ئېلىخان مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ تەلىيىمىز كاج كېلىپ قالدى».