خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 7-ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋېرگىنىيە شىتاتىدىكى ترايس يوبەنك ئىسىملىك بىر ئانا سۆزلىيەلمەيدىغان ئوغلى كامدېننىڭ 10ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە فەيسبۇكتا تورداشلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلغان. ئويلىمىغاندا، 7-ئىيۇل 300دىن ئارتۇق ئادەم تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان باغچىغا كېلىپ، كامدېن بىلەن بىللە سۇ چېچىش ئويۇنى ئوينىغان، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 200دىن كۆپرەك كىشى ئۇنىڭغا سوۋغات تەقدىن قىلغان، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى بىر ماشېنا ئەۋەتىپ، سۇ تەمىنلىگەن. كامدېنمۇ ئەڭ خوشال بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى