52 يىل ‹‹ ۋەزىپە ئۆتىگەن ›› ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ نامى 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ ، ۋوگزالدىكى بارلىق بەلگە تاختىلىرىنى ئۆزگەرتىش تاماملاندى ھەمدە تور سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆستۈرۈلدى . 1-سېنتەبىردىن 19-سېنتەبىرگىچە ۋوگزال نامىنى ئۆزگەرتىش ئۆتكۈنچى مەزگىلى بولۇپ ، ۋوگزال نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يولۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسسىنىڭ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزالى قىلىپ ئۆزگەرتىلىشى ، ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ يېڭى يولۇچىلار بېكىتىگە ئالدىن نام قالدۇرۇش بولۇپ ، كەلگۈسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يولۇچىلار يېڭى بېكىتىنىڭ نامى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى بولىدىكەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىككى ئايلىق يازلىق يولۇچى توشۇش ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ ، بۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى جەمئىي 2 مىليون 16 مىڭ ئادەم ( قېتىم ) يولۇچى توشۇغان ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدىن سىرتقا چىققان يولۇچىلار 1 مىليون 16 مىڭغا ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار 1 مىليونغا يەتكەن .