خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلنار تاشتۆمۈر خەۋەر قىلىدۇ: «مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسگە كىرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، پارتىيەنىڭ پرىنسىپلىرىنى ھىمايە قىلىمەن، پارتىيە نىزامىغا رىئايە قىلىمەن، پارتىيەنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايمەن، پارتىيەگە سادىق بولىمەن، ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ، كوممۇنىزىم ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىمەن. پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھەممىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىمەن. پارتىيەگە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن». 2- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى ئىدارە- ئورۇنلار ناھىيەلىك پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى ئىشخانىسىنىڭ «پارتىيە قەسىمىنى ئەسكە ئېلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، پارتىيە قەسىمىنى ئەسكە ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. (ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن گۈلنار تاشتۆمۈر)
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى