- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدا 2014-يىللىق قار پەسلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن
2014.02.25 16:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
شىنجاڭ تورى خەۋىرى : 24-فېۋرال ياغقان قار قار تېيىلىش مەيدانىدىكىلەر ۋە قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى . مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى قار تېيىلىش مەيدانلىرىدىن ئىگىلىشىچە ، نۆۋەتتە قار تېيىلىدىغان شەھەر ئاممىسىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن . يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى كۈنىگە 2500 (ئادەم / قېتىم) ئەتراپىدا مېھمان كۈتۈۋالغان .
قار تېيىلىش مەيدانىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، گەرچە يېقىندا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان بولسىمۇ ، قار تېيىلىش مەيدانى تەتۈر تېمپېراتۇرا بەلبېغىغا جايلاشقان بولغاچقا ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5- ئەتراپىدا بولۇپ ، قار تېيىلىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن .
مۆلچەرلىنىشىچە ، يېڭىدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە بۇ يىللىق قار پەسلىنىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر