مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلىدە دورا ئىشلىتىشتىكى 11 خاتالىق

2021.09.30 22:25 مەنبە: تىيانشان تورى

ۋاقىت خاتالىقى: نۇرغۇن كىشىلەر دورىنى كۈندۈزى ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كېچىسى ئىچىشكە سەل قارايدۇ. بەزى دورىلار كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچىلىدىغان بولغاچقا 12 سائەت ئارىلىق تاشلاپ ئىچىلىدۇ، بەزىلىرى ھەر 8 سائەتتە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. لېكىن، بىمارلار كۆپ ھاللاردا ئۈچ ۋاق تاماقتا دورا ئىچىدۇ. بۇنداق بولغاندا، كۈندۈزى قاندىكى دورىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى، كېچىسى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ- دە، داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

دورا مىقدارى بەك كۆپ بولۇش: دورىنى ئادەتتىكى داۋالاش مىقدارى بويىچە ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر مىقدارىنى ئاشۇرىۋەتسە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار ۋە بالىلارغا شۇنداق، شۇنداقتىمۇ بەزى كىشىلەر دورىنىڭ مىقدارىنى ئۆز مەيلىچە كۆپەيتىپ ئىچىدۇ، بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك.

دورا مىقدارىنى ئازايتىش: بەزى كىشىلەر كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ياكى دورىنىڭ قوشۇمچە تەسىرىدىن ئەنسىرەپ ئىچىۋاتقان دورىسىنىڭ مىقدارىنى ئۆز مەيلىچە ئازايتىۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ ئۈنۈمى بولمايلا قالماي ئەكسىچە كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلىنىشىغا دەخلى قىلىدۇ ھەتتا دورىغا چىداشلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېز تەكرارلىنىپ تۇرۇش: دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاساسلىقى، ئۇنىڭ قاندىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر دورىنى ۋاقتىدا ئىچمىگەندە ئۈنۈملۈك قويۇقلۇقىغا يەتكىلى بولمايدۇ-دە كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلغىلى بولمايدۇ.

داۋالاش كۇرسى يېتەرلىك بولماسلىق: دورا بىلەن داۋالىنىشقا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر سۈيدۈك يولى يوقۇملىنىشنى 7- 10 كۈنگىچە دورا بىلەن داۋالىغاندا ئاندىن ئۈنۈمى بولىدۇ. مۇبادا، 2-3 كۈن دورا ئىچىپلا كېسىلىم ياخشى بولۇپ قالدى دەپ دورىنى توختىتىپ قويسا، بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

توختىتىدىغان چاغدا توختاتماسلىق: ئادەتتە دورا ئالدىن كۆزلىگەن داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكەندىن كېيىن دورىنى توختىتىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن قوشۇمچە زەھەرلەش رولىنى ئويناپ، ئىككىنچى قېتىملىق يۇقۇملىنىش، دورىغا تايىنىۋىلىش شۇنداقلا يىغىلىپ زەھەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دورىنى تۇيۇقسىز توختىتىپ قويۇش: نۇرغۇنلىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر ئۇزۇن مەزگىل دورا ئېچىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ ، مەسىلەن روھى كېسەل، تۇتقاقلىق كېسىلى، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى، يۇقۇرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار. يۇقىرىقىدەك كېسىلى بارلار دورىسىنى توختىتىشقا توغرا كەلسە چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرمەسلىكى كېرەك، بولمىسا كونا كېسىلى قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ ياكى ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ.

دورىنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇش: دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. مەسىلەن، كېزىك بولۇپ قالغانلارنىڭ 3- 7 كۈنگىچە دورا ئىچىشىكە، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى كېسىلى بولۇپ قالغانلارنىڭ يېرىم يىل دورا ئىچىشىگە توغرا كېلىدۇ، مۇبادا، ئۆز مەيلىچە دورىنى ئالماشتۇرىۋەتسە داۋالاش مۇرەككەپلىشىپ مەسىلە كۆرۈلىدۇ، يەنە تېخى بۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ.

قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ: ئىككى خىل دورىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىچكەندە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ئەمما ماسلاشتۇرۇش مۇۋاپىق بولمىسا ئانتاگونىزملىق رولنى پەيدا قىلىپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ ياكى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ ھەتتا زەھەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بالىلارغا چوڭلارنىڭ دورىسىنى بېرىش: بالىلارنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ ، شۇڭا دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى شۇنداقلا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەپسىلى ئىگىلىۋىلىش كېرەك. فۇپەيسۇەن بالىلاردا بوغۇم كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كۆمۈرچەكنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

سىناپ بېقىش ئويى بىلەن دورا ئىشلىتىش: بەزىلەر مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس بولغان كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ئۇزۇن مەزگىل داۋالىنىپمۇ ساقىيالمىسا خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپ ۋە سىناقتىن ئۆتكەن رېتسىپلارنى ئىزدەپ تېپىپ شۇ بويىچە دورا تەيارلاتقۇزۇپ ئىچىدۇ- دە كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلارشتۇرىۋالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن داۋالىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، كېسىلىنى داۋالاش قىيىنغا توختايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ