مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2021-يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2021.09.28 08:52 مەنبە: خەلق تورى

  9-ئاينىڭ 26-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2021-يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رەقەملىك تېخنىكا يېڭى قاراش، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كەڭ كۆلەملىك، شۇنداقلا چوڭقۇر تەسىر ئېلىپ كەلدى. ھازىر، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلەشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى تەخىرسىز ئېھتىياجغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنى تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك جەمئىيەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھەمكارلىق ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، رەقەملىك بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، رەقەملىك مەدەنىيلىك ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  2021-يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشياڭ شەھىرى ۋۇجېن بازىرىدا باشلاندى، باش تېمىسى «رەقەملىك مەدەنىيلىك يېڭى دەۋرىگە ئاتلىنىش − قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» بولۇپ، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ