مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالىدى

«گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2021.09.28 10:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ قىسمەن مەمۇرىي نىزاملارنى بىكار قىلىش قارارى»نى ئېلان قىلدى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، تۇغۇت سىياسىتىنى ياخشىلاپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاققىچە تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30- يىغىنىدا ماقۇللانغان نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن «پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى»، «ئىجتىمائىي تەربىيەلەش تەننەرخى ئېلىش-باشقۇرۇش چارىسى»، «كۆچمە نوپۇس پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى»دىن ئىبارەت ئۈچ مەمۇرىي نىزامنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى.

  نۆۋەتتە پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، ئالاقىدار مۇلازىمەت تۈرلىرى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈلدى، «پىلانلىق تۇغۇت تېخنىكا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش نىزامى»نى ساقلاپ قالمىسىمۇ بولىدۇ.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا ئىجتىمائىي تەربىيەلەش تەننەرخى قاتارلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا ئىجتىمائىي تەربىيەلەش تەننەرخى ئېلىش بەلگىلىمىسى چىقىرىۋېتىلىپ، «ئىجتىمائىي تەربىيەلەش تەننەرخى ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» بىكار قىلىندى. ھازىر كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئالاقىدار باشقۇرۇش مېخانىزمى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈپ، كۆچمە ئاھالە بىلەن شۇ جاينىڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىگە ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارنى ئوخشاش باشقۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «كۆچمە ئاھالىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى نىزامى»نى ساقلاپ قالمىسىمۇ بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ