مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تونگا پادىشاھى تۇپۇ Ⅵ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.26 09:35 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى تونگا پادىشاھى تۇپۇ Ⅵ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تونگا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئىنتايىن مول بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ـ تونگا جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، يۇقۇمغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇردى. جۇڭگو تەرەپ تونگا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ. دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن يەر شارىدا يۇقۇم گىرەلىشىپ كەتكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن تونگا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ماسلىشىپ ـ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو ـ تونگانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ تونگا تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تونگا تەرەپنى ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمايدىغان ئىقتىساد، تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، تونگانىڭ يېزا ئىگىلىك، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تونگا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، تونگا تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تونگا قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى نامراتلارنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق مەركىزى تەسىس قىلىدۇ، جۇڭگو ـ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا زاپىسى ئامبىرى قاتارلىق تۈرلەرنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان كىچىك ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  تۇپۇ Ⅵ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. تۇپۇ Ⅵ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى تونگانىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە تونگانىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى، تونگا تەرەپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىدۇ. تونگا تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ. تونگا تەرەپ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ