مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى تىممېرمانس بىلەن 2- قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

2021.09.28 12:19 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 27- سېنتەبىر بېيجىڭدا سىن ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە رەئىسى تىممېرمانس بىلەن 2- قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 76- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېشىل ئېنېرگىيەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى، چېگرا سىرتىدىكى كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرلىرىنى يېڭىدىن قۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ مۇھىم بايانات جۇڭگونىڭ يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. جۇڭگو بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن كاربوننى ئۆز قەرەلىدە تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە، جۇڭگونىڭ سۆزى ئىزچىل ئىشەنچلىك، ھەرىكىتى نەتىجىلىك، ئىشەنچىسى بار، كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن كاربوننى ئۆز قەرەلىدە تۈگىتىش نىشانىغا يېتىش ئىرادىسى بار.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - ياۋروپا يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا يېشىل ھەمكارلىقىنى ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەك. مېخانىزم يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «پارىژ كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، يەر شارىۋى كىلىمات ھەمكارلىقىغا ئىشەنچ قوشۇش كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نىڭ 26- قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15- قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ ساھىبخان دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  تىممېرمانس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا تەرەپ جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن مۇھىت ۋە كىلىمات ساھەسىدىكى سۆزلىشىش، ماسلىشىشنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، بىرلىكتە ب د ت گلازگوۋ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ياخشىلاش ئەھدىنامىسى»نىڭ 15- قېتىملىق شەرتنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ