مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ جۇ لىلۇننىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

​جۇ لىلۇن شى جىنپىڭغا تېلېگرامما قايتۇرۇپ رەھمەت ئېيتتى

2021.09.28 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جۇ لىلۇنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، ئىككى پارتىيە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا بەخت ياراتتى، بۇنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ھەممىگە ئايان. ئىككى پارتىيەنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئورتاق سىياسىي ئاساستا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قەتئىي قوغداپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىشىنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىنى كۆزلىشىنى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۆزلىشىنى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى، يېڭىدىن سايلانغان جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جۇ لىلۇن تېلېگرامما قايتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى خەلق يەندى - خۇاڭدى ئەۋلادلىرى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پارتىيەنىڭ «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش» ئاساسىدا، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇش ئاساسىدا، ئۆزئارا ئىشىنىش، سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى خەلق ئاممىسىغا ئورتاق بەخت يارىتىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ