مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لېجى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 8-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2021.09.28 10:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9–ئاينىڭ 26–كۈنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مەركەزلىك كۆزىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى سۆزى، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، كۆزىتىش خىزمىتىنى كەسكىن، ئەستايىدىل، چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىشنىڭ شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلەندى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆزىتىش سىياسىي نازارەتچىلىك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، سىياسىي جەھەتتىن قاراش ۋە ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىش كېرەك. دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە چىرىكلىكىنى جازالاش ۋە پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما–تەلەپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىلىرى)نىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدا ساقلانغان سىياسىي جەھەتتە ئېغىپ كېتىدىغان، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ساھەسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان بۆلەك، ئوخشاش بولمىغان ئورۇن، ئوخشاش بولمىغان قاتلام-دەرىجە ئالاھىدىلىكىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورتاقلىقنى ئىگىلەپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىلگەن پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لاردا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، كۆزىتىشنىڭ ئىلمىيلىكىنى، دەللىكىنى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كۈچەپ تېپىپ چىقىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ۋەزىپە جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار - ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى كۈچەيتىش؛ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، تۈزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۆزىتىش ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي نازارەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كۆزىتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، كۆزىتىش ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېجەش تەلىپىنى قاتتىق يولغا قويۇش؛ تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، قەتئىي، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتىغا تايىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھازىر بار بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ياڭ شياۋدۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى چېن شى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 8- نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ھوقۇق بەرگەن ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى قارارىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ