مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.26 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەن يولداش باش شۇجى رۇەن فۇجۇڭ بىلەن كۆپ خىل شەكىلدە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئورتاق يېتەكلىدۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى دۆلەت تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ ناھايىتى كۆپ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى بار. بىز توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق ـ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىشىمىز ھەم رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىخەتەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈم بىخەتەرلىكىنى قوغداش جۇڭگو ـ ۋىيېتنام ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ تۈپ ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتى. جۇڭگو تەرەپ يولداش باش شۇجىنىڭ ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە خەلقىنى باشلاپ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىپ، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 13 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ نەزەرىيە مۇھاكىمىسى، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزملاشقان ئالاقىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپلىرى توغرا كېلىدىغان تارماقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، نەنخەي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  رۇەن فۇجۇڭ جۇڭگونىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە پات ئارىدا دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىل ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى. رۇەن فۇجۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر ۋىيېتنام ـ جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى تېز كۆپەيدى. ۋىيېتنام تەرەپ ۋىيېتنام ـ جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنى باشتىن ـ ئاخىر بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن بەرگەن قىممەتلىك مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئادىمىيەت، يەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ