مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سۇگاۋارې بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.09.26 21:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ زۇڭلىسى سۇگاۋارې بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كەلدى. ئەمەلىيەت سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ چىقارغان جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش قارارىنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. جۇڭگو ـ سولومون تاقىم ئاراللىرى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدەنگەنلىكىنى ھۆرمەتلەيدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلغانلىقىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ سولومون تاقىم ئاراللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ؛ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشنى كېڭەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنى ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمايدىغان ئىقتىساد، تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلارنى ئازايتىش تەرەققىيات يولىنى تېپىپ، ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

  سۇگاۋارې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ھەم جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيمەن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. جۇڭگو سولومون تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا كۆپلەپ مەدەت ۋە ياردەم بەردى، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بۇنى تەرىپلەيدۇ ۋە رەھمەت ئېيتىدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ تەشەببۇس قىلغان ئىگىلىك ھوقۇق مۇستەقىللىقى، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، بىر ـ بىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق قاتارلىق پىرىنسىپلارنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قوللايدۇ، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ